ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، كۆكرەك كۆتۈرۈلۈپ، قورساق ئىچىگە تارتىلىدۇ، شۇڭا ئاياللار راھەت، پاكار پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىشنى خالىمايدۇ. بىراق ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «7 ئايال پۇتى ئاغرىسىمۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى سالمايدىكەن، بۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئۆزى ئېغىر زىيان سالغانغا باراۋەر».ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ پۇتنى زەخمىلەندۈرگەندىن باشقا، يەنە بەل ئاغرىقى، بويۇن ئومۇرتقا ئاغرىقى، تىز بوغۇمىنى ئۇپرىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىكى، كىيسىمۇ پاشنىسى بەش سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈنى كىيگەن ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئاشماسلىقى، بۈگۈنى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيسە، ئەتىسى پاكار پاشنىلىق ئاياغقا ئالماشتۇرۇشى كېرەك
مەنبە............. خانىم - قىزلار دەستۇرىدىن