5-ئىيۇن، ماۋتەنچاڭ بازىرى يەنە يىلدا بىر كېلىدىغان «ئىمتىھانغا ئۇزىتىش بايرىمى»نى كۈتۈۋالدى، 70 ئاپتوبوس ماۋتەنچاڭ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھان مەيدانىغا بىخەتەر يەتكۈزدى. شۇ كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ليۇ ئەن شەھىرى ماۋتەنچاڭ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىجارىگە ئالغان 70 ئاپتوبوس ۋە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئاتا - ئانىلار تەشكىللىنىپ مىڭدىن ئارتۇق شەخسىي ماشىنىدا، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا مەدەت بەردى. دابېيشەننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ماۋتەنچاڭ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاسىيادىكى كۆلمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ تەرىپلەنگەن، بۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىن بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 11 مىڭغا يېتىدۇ.