ئىنتىلىش ـــ ئۇ يورۇقلۇق ۋە ھەقىقەت.
ئىنتىلىش ـــ ئۇ ئەركىنىلىك ۋە بەخت–سائادەت.
ئىنتىلىش ـــ ئۇ دوستلۇق ۋە مۇھەببەت.
ئىنتلىش ـــ ئۇ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشتۇر.
دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار قۇياش ۋە يامغۇرغا تەلپۈنىدۇ. كىشلىك تۇرمۇش غايە ۋە كەسىپكە تەلپۈنىدۇ.
ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ـــ سادىقلىق، كەسىپكە ئىنتىلىش ـــ دانالىق، تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ـــ ياخشى كۆرۈشتۇر، مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ـــ ئىخلاسمەنلىكتۇر.
ئىنتىلىش ـــ ئاجىزلارنى كۈچلۈك، كۈچلۈكلەرنى كەمتەر قىلىدۇ.
ئىنتىلىش ـــ نادانلارنى ئەقىللىق، ئەقىللىقلارنى باتۇر قىلدۇ.
يۈكسەك ئارزۇغا ئىنتىلىش ــــ گويا ھەسەل ھەرىسنىڭ شىرنە يىغقىنىغا ئوخشايدۇ.
خۇسۇسىي غەرەز ئارىلاشقان ئارزۇغا ئىنتىلىش ـــ خۇددى سېسىقچىلىققا قونغان چىۋىنگە ئوخشايدۇ.
يوپۇرغا ناھىيەلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ خادىمى مەريەمگۈل ئابدۇللا تەييارلىغان