ئۇنتۇش
سەيدىمۇھەممەد مېمان
خەيىر ساڭا زەڭگەر كۆزلۈك قىز،
يۈرۈكۈمنى بەرگىن قايتۇرۇپ.
مۇشۇ يەردە خوشلاشمىساق بىز،
قالغۇدەكمەن سەۋدايى بولۇپ.
نويابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى،
سۆيگۈمىزگە بولسۇن خاتېرە.
يىللار ئۆتۈپ ئەسلەرسەن مىنى،
كىرىپ قالسام چۈشۈڭگە خېرە.
يىرتىۋەتكىن سۆرەتلىرىمنى،
ئۇنتۇپ كەتكىن چىرايىمنى ھەم.
كۆيدۇرۋەت يازغان خېتىمنى،
بەخىتلىك بول بىر ئۆمۈر ئەركەم.
2013 -يىل 30- نويابىر كېريە