جۇڭگودىكى داڭلىق پۇتبول مەكتىپى خېڭدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 9 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان 20 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قوبۇل قىلماقچى.
تىرېنېر دانىيار مىرئادىلنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى دەسلەپكى تاللاش ئىمتىھانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 28-ئىيون كورلىغا بارىدىكەن، كورلىدىكى دەسلەپكى تاللاش ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، غۇلجا، قاراماي، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن.
دەسلەپكى تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن.