شىنجاڭغا مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن 430 نەپەر ئىختىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ماگىستىر ئاسپىرانت، دوكتور ئاسپىرانت ياكى خىزمەت تەجرىبىسى مول خادىملار، خىزمەت ئىزدىمەكچى، ئالماشتۇرماقچى بولغانلارغا خوش خەۋەر!
شىنجاڭ تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىردىن باشلاپ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن 430 نەپەر يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغان خادىملار شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، چوڭ تىپتىكى كارخانا ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلاردا خىزمەت قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپ مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىزىققۇچىلار www.xjrs.cn بېكىتىگە كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تۈرىنىڭ تەلىپىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
خەلق تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىختىساسلىق خادىملار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى، ئورتاق ھالدا يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىق خادىم ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پىلانىغا كىرگەن خادىملار مۇناسىۋەتلىك ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن.