تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلاردىكى« قىزىل» كىسىلىگە چۈشەنچە

ئادەتتە كىچىك بالىلارغا قىزىل چىقىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايمىز، بۇ كىسەل قىزىل كىسىلى ۋېروسى تەرىپىدىن كېلىپ چىققان ئۆتكۈر خاراكتىرلىك نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ ، تۆت پەسىلنىڭ خالىغان ۋاقتىدا يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىكى بار. بولۇپمۇ ، قىش ئاخىرىدا ، ئەتىياز باشلىنىشىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

          تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىىدكى بالىلار ئانا سۈتى ئارقىلىق ئانا تەرىپىدىن كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كېسەللىككە ئاسان گرىپتار بولمايدۇ . قىزىل كىسىلىگە بىر قىتىم گرىپتار بولغاندىن كىيىن ، ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ كىسەلگە قايتا گرىپتار بولمايدۇ.

          مەزكۇر كىسەلگە گرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئېغىز ، بۇرۇن ھەم كۆز شىللىق پەردىلىرىدىكى ماددىلاردا كىسەللىك قوزغاتقۇچى ۋېروسلار بولۇپ، قىزىل چىقىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بەش كۈن ئىچىدە ، نەپەسلىنىش يولىدىكى چاچراندىلار بىلەن باشقىلارغا كېسەل يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغانلار زۇكامغا ئوخشاپ قالىدۇ.

          كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە ؛ بىمارنىڭ بەدەن تىمچراتۇرىسى 39-40 گرادۇسقا چىقىپ، ، كۆز ئەتراپى ياللۇغلىنىشى مۇمكىن، تېرىدە قىزىل داغلىق دۆڭچە ئەسۋە ھەم قوۋۇز شىللىق پەردىسىدە كۈل رەڭ ئاقۇچ رەڭلىك يىڭنە ئۇچسىمان داغلار پەيدا بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولغانلاردا قانسىمان تېرە تاشمىسى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىللىق پەردىدىن قان چىقىش، ھەم ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. قان ئايلىنىش سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا ، تېرە تاشمىسى تېرە يۈزىگە چىققاندىن كېيىن ، بەدەن تىمپراتۇرىسى بارا-بارا ئەسلىگە قايتىپ نۇرماللىشىدۇ، تېرە تاشمىسىمۇ بارا-بارا يوقاشقاباشلايدۇ، ئاخىرىدا سۇس قوڭۇر رەڭلىك داغ قىپقىلىپ 2-4 ھەپتە ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ.

 مەنبە ؛ بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز