نىمشىھىتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 – يىلدىن 1930 – يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 – يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى – قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933 – يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دىگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان.
نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا »، « بۈيۈك جۇڭگۇ »، « قىزىم يېغلىماڭ »، « ئۇنۇتما »، « گېزىت » قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ھەم ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بويان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن – قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن » داستانىنى يازدى. بۇ داستان 1945 – يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندا خەلق ئىچىدە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شائىر داستاننى قايتا -قايتا ئىشلەپ ۋە تولۇقلاپ 1948 – يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ باستۇرغان.
« مىڭ ئۆي ۋە پەرھات- شېرىن » داستانى مەزمۇنىنىڭ يېڭى ۋە موللىغى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچام ۋە مۇكەممەللىگى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
نىمشېھىت ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاقسۇدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلدە « لەيلى – مەجنۇن » داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى بىرنەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ، شۇ ئاساستا « لەيلى-مەجنۇن » ئوپىراسىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئوپىرا سەھنىلەردە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئوپىرانىڭ تولۇق نۇسخىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يوقىلىپ كەتكەن. ئوپىرانىڭ پەقەت ئۈچ پەردىسىلا ساقلىنىپ قالغان.
ئازادلىقتىن كېيىن شائىر نىمشېھىت شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ، قايناق ھىسياتقا، باي پەلسەپىۋىي پىكىرگە، ئۆتتەك قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان شېئىرلىرى بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ « ئالدىدا »، « سېغىندىم »، « يۈرەك سۆزى »، « ئۇسسۇل »، « تارىم قىزى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ دۇمبىقىنى چالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ئازاد يېڭى دەۋرنى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئەمگەكچى خەلقنى كۈيلىدى.
ئازادلىقتىن كىيىن نىمشېھىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، « شېئىرىيەت »، « يەنخې » ، « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1981– يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە « نىمشېھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما » نى نەشىر قىلدى.
نىمشېھىت ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيەتتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىجادىيىتىگەمەنبە قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدا كۆپلىگەن خەلق قوشاقلىرىنى،خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ رەتلىگەنىدى.
تالانتلىق شائىر نىمشىھىت 1972 – يىلى ۋاپات بولدى.
پېقىرنىڭ ئىقرارى
(مۇسەددەس)
نىمشىھىت
پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاقشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن – يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتى – زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق – قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زېمىنغا ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەر – زەقۇم يېدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە .
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!
ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلۇمى بىداد نالە – پەرياد ئۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى .
قان بىلەن ئالۇدە قول – بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بەلكى قول – پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
كىمگىدۇر روزى – ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلۇمى – سىتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشى -ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم ؟!…..
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ،
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم -يېتىمە تۇللىرى .
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىجدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟
قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ،
دائىما قايغۇ – ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز .
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
ۋاھ …ئەجەب قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان « مېھمانىكەن »،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھېلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟!…
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەت – گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان .
كۆزۈڭ كىچىك، تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان – يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .
بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ھەم ھالى زەبۇن .
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاج -ۋاجىگۇن ،
باستى تۆھمەت – پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن .
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، >>
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك …
ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بولۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسپى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسپى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بېرى بۇ قانۇن ئىرۇر ، شۇنداق بولۇر …
ئاقىۋەت گۈم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك …
بىلىم ئىشقىدا
نىم شېھىت
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتقان بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ھار يوق.
كىرىپ كەينىڭگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر،ئۇ چاغ سەن كەبى خار يوق.
ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى