تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا شىنجاڭدىكى 13 خىزمەت ئورنى قۇرۇق قالدى

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى شىنجاڭ رايونىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى 1104 ئادەم. 24-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كېچە، تىزىملىتىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئادەم سانى 26725 ئادەم بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 24 ئادەم بىر ئورۇننى تالىشىدىغان بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى شىنجاڭ رايونىدا تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولغان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان خىزمەت ئورنى شىنجاڭ زاپاس ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى بىر ۋەزىپىسى بولۇپ، بۇ ئورۇنغا بىر ئادەم قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئادەم سانى 510. 

ھازىر يەنە 13 خىزمەت ئورنىغا بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان بولۇپ، تىزىملاتمىغان ئورۇنلاردىن جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىدارىسىدىكى 6 ئورۇن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش كارانتىن ئىدارىسىدىكى 4 خىزمەت ئورنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىكى 2 خىزمەت ئورنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىكى 1 خىزمەت ئورنى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، توردا تىزىملىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر تىزىملىتىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئەمما 26-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16 دىن بۇرۇن ماتېرىيال ۋە رەسىمى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولسىلا تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ھېسابلىنىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئاسىيا كىندىكى تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز