ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى دىئابىت ئاغرىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بولۇپمۇ دىئابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلاردا بۇ ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى ئاغرىقلار بىلىپ- بىلمەيلا ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ، بۇ دىئابىت ئاغرىقلىرىدا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى دەلىلىدى. بولۇپمۇ كېسىلى كونىرىغان، قاندىكى قەنت مىقدارى كونترول قىلىنمىغان ئاغرىقلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ تېز كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا ئۇزاققىچە قەنت مىقدارى كۆپ بولسا قۇلاق زەخمىلىنىپ، ئادەم ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. دىئابىت ئاغرىقلىرىدا كۆرۈلىدىغان بۇ ئەھۋال «مېتابولىزم خاراكتېرلىك قۇلاق كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرغىچە بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى تېپىلمىدى، شۇڭا قۇلاق غۇڭۇلداش، باش قېيىش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنمەي بولمايدۇ.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى