ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
تاتلىقبەرەڭگە تاتلىق،ئۆزە پايدىلىق ئۇ خولىستېرىننىڭ قان تومۇرغا چۆكۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاتلىقبەرەڭگىدىكى فىلاۋۇن تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ۋە بوغماق ئۈچەي راكىغا شىپا قىلىدۇ. تاتلىق بەرەڭگە يەنە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەن ئاجىزلاش، جىگەر ياللۇغى ۋە سېرىقلىق كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
بىراق تاتلىقبەرەڭگىنى سوغۇق ۋاقتىدا يېسە ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، چۈنكى تاتلىقبەرەڭگە ئاشقازاندا كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر يېمىگىنى ياخشى، يەنە كېلىپ تاتلىق بەرەڭگىنى بىر قېتىمدىلا كۆپ يېيىش زىيانلىق. تاتلىق بەرەڭگىنى ئۇن ۋە گۈرۈچ، تۇزكۆك ياكى كۆكتات شورپىسى بىلەن يېسە مەيدە قايناش، قورساق كۆپۈش، يەل كۆپىيىش، سۇ ياندۇرش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.