6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالمىنىڭ ۋاكالىتەن ياساش زاۋۇتى خېشو (和硕) پايچىكلار يىغىنى ئاچتى، مۇدىرىيەت رەئىسى تۇڭ زىشيەن (童子贤) خېشو شىركىتىنىڭ زور تۈركۈمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا باشلايدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق iPhone 6s نى زور مىقداردا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
iPhone نىڭ ۋاكالەتچى زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچى كۆپەيتىش پىلانىغا ئاساسلانغاندا، iPhone 6s سەككىزىنچى ئايدىن بۇرۇن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ۋاقىت بىر قەدەر ئىشەنچلىك بولۇپ، كەسىپ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone توققۇزىنچى ئايدا ياكى ئونىنچى ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، شۇنداق بولغاندا تۇنجى تۈركۈمدىكى iPhone شۇ ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئالما تەرەپ iPhone 6s نىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان. لېكىن بۇندىن بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ 4.7 دىيۇملۇق ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئىككى خىل نۇسخىسى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 2GB لىق LPDDR4 ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىدىكەن، ئېكرانىغا Force Touch ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، كامېراسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بىر خىل قاراشتا ئالما قوش كامېرا سەپلىمىسى ئىشلىتىش مۇمكىن دېيىلگەن، يەنە بىر خىل قاراشتا iPhone 6s كە سونىي شىركىتىنىڭ 12 مىليون پىكسېللىق كامېراسى سەپلىنىدۇ دېيىلگەن.