قانداق ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ؟ 1. ساپاسى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان ئايال. قايسى بىر ئەر خوتۇنىنىڭ بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن، زامانغا ماسلاشقان ، ئەقىللىق بولىشىنى خالىمايدۇ.ئەرلەر بۇ خىلدىكى ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئابرويى ھىساپلايدۇ. 2. ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچىسى بار ئاياللار. ئەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ھەم رەت قىلالايدىغان ،پىكرى ئوچۇق ئاياللارنى جەلپكار ھىساپلايدۇ. 3. مۇھەببەتنى دەپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدىغان ئايال. مۇھەببەت كوچىسىدا ئېرىشىش، يوقىتىش، ۋاز كېچىش بەدەل تۆلەشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ماھىل قىلالىسۇن ياكى قىلالمىسۇن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغان ئاياللار ھامان بىر كۈنى مۇھەببەتتە نەتىجە قازىنالايدۇ. 4. ئايرىلسام ئۆلىمەن دەيدىغان ئىدىيىدە بولمىغان ئايال. ئەگەر شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپ قۇربانلىق بېرىپمۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولالمىسا ياخشىسى ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىشمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئاقىلانە تاللاش، چۈنكى ئۇ ۋاز كېچىشنى تاللىغۇچىغا يېڭىچە ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ |