قېنىپ ئۇخلىماسلىق چارچاش، قان قىزىقلىق، ئاسانلا قورسىقى ئېچىش ۋە ئۇنتۇغاق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قارار چىقىرىش: ئامېرىكا «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر قېنىپ ئۇخلىيالمىغاندا چارچاش ھېس قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، ئاقىلانە قارار چىقىرىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
تاللا بازارلىرىنى ئايلىنىش: شىۋېتسىيە ۋۇپسارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى كېرىن. چاپمان ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى تەتقىقات ئارقىلىق، كىشىلەر قېنىپ ئۇخلىمىغاندا يېمەكلىك سېتىۋېلىشتىكى ئىسسىقلىق مىقدارى %9، ئومۇمىي مىقدارى %18 ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق كەيپىيات كىشىلەرنىڭ قېنىپ ئۇخلىمىغانلىقتىن ئېچىرقاش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇپ، «قورسىقى ئاچ تاماق تاللىماس» لىقنى پەيدا قىلىپ قويىدىكەن.
توردا مال سېتىۋېلىش: كىشىلەر قېنىپ ئۇخلىماي يېمەكلىك سېتىۋالغانغا ئوخشاش، توردىن نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ئاقىلانە تاللاش بولمايدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى ئادەمنىڭ لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىدىن بولىدىكەن.
ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىش: كۆپلىگەن كىشىلەر قېنىپ ئۇخلىيالمىغاندا ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ھارغىنلىقنى يوقىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، نۇرغۇنلىغان ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا قەنت شۇنداقلا كوففېئىن بولغاچقا سالامەتلىككە پايدىسىز.
بەس – مۇنازىرە قىلىش: كىشىلەر كېچىسى قانغۇدەك ئۇخلىيالمىسا، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا ياخشىسى كەسكىن، مۇرەككەپ تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى» گە بېسىلغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بوكرى شۆبە مەكتىپىنىڭ ئۇيقۇ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ماشۇ. ۋوركنىڭ تەتقىقات ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قېنىپ ئۇخلىيالمىغاندا كىشى روھسىزلىنىپ، سەلبىي قاراش شۇنداقلا ئەھۋالغا قارىتا كەسكىن ئىنكاسى %60 ئېشىپ كېتىپ، كەيپىياتنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىدىكەن.
ئاپتوموبىل ھەيدەش: ئامېرىكا دېترويت شەھرىدىكى ھېنرىفورت دوختۇرخانىسى ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىز بولۇشىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىكى دوكتور كىرستوف. دېرىكنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خۇددى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنگە ئوخشاش، ئۇيقۇسىراپ چارچىغاندا ئاپتوموبىل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:
http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/14/content_509382.htm