تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نېمىشقا بۇرۇننىڭ بىر تەرىپى دائىم پۈتۈپ قالىدۇ؟

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

زۇكامداپ قالغاندا بۇرنىمىز دائىم پۈتۈپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بۇرۇننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئايلىنىشى مۇستەقىل بولىدۇ. 

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئالمىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن. شۇنداقلا بۇ سىستېما يەنە ھەزىم قىلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك فۇنكسىيەنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن. بۇرۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل نېرۋىلار سىستېمىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئايلىنىشىنى تەڭشەپ، بۇرنىمىزنى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. ئامېرىكا بالىلار بۆلۈمى دوختۇرى، مەخسۇس تېببىي يازغۇچىسى جېنىففېر مۇنداق دېدى: بۇرۇننىڭ بىر تەرىپىنى ئېتىۋېتىپ يەنە بىر تەرىپىنى ئېچىشتا ئادەم بەدىى ئاپتۇماتىك ھالدا بۇرۇن ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا قان تولدۇرىدۇ، قاننىڭ ئېقىمى كۆپەيگەندە بىر تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ قان تولدۇرۇش يولى توسۇلۇپ قالىدۇ، بۇ جەريان ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە يەنە بۇ بىر بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالمىشىدۇ، ئادەم ياتقاندا بۇرۇننىڭ پۈتۈپ قالغانلىقىنى بەكرەك ھېس قىلىدۇ، ياستۇقنى يانتۇ قىلغاندا بۇرۇننىڭ پۈتۈپ قېلىشى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. 

ئامېرىكىلىق مەخسۇس تېببىي سىتون يازغۇچىسى سونىيە كار مۇنداق دەپ قارىغان: بۇرۇن تۆشۈكى ئالمىشىپ خىزمەت قىلغاندا پۇراش سېزىمىنىڭ ئېششىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىر قىسىم ھىدلارنى تېز سۈرئەتتە سۈمۈرگەندە ئاندىن ئۇنى پۇرىغىلى بولىدۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ھىدلارنى ئاستا سۈمۈرگەندە ئاندىن ئۇنى پۇرىغىلى بولىدۇ. بۇرۇننىڭ بىر تۆشۈكى چوڭ ئېچىلغاندا يەنە بىر تۆشۈكى سەل ئېتىلگەندە بارلىق ھىدلارنىڭ ھەممىسىنى پۇرىغىلى بولىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز