تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى: ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى بولۇش كېرەك

 

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى چوقۇم يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كىچىك رايونلار بىلەن بىرلىكتە لايىھەلىنىشى، بىرلىكتە قۇرۇلۇشى لازىم. ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە چوقۇم بىر يەسلى قۇرۇلۇپ، يەسلىگە كىرىش، ئوقۇشقا كىرىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.
22-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى پىلانلاش، يەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخا)››ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا، ‹‹چارە››دە يەنە مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرنى ئاۋۋال پىلانلاش، يەنە كېلىپ خالىغانچە ئىگىلىۋالماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.تۈزۈلگەن مائارىپ ئەسلىھەلىرى مەخسۇس تۈر لايىھەسى شەھەر-يېزا پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن.

  ‹‹چارە››دە نوپۇس ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك مەكتەپ ۋە سىنىپلارنىڭ كۆلىمىگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر 5000 نوپۇس بار دائىرىدە ئالتە سىنىپى بار بىر يەسلى؛ ھەر 10 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 24 سىنىپى بار مۇكەممەل بىر باشلانغۇچ مەكتەپ؛ ھەر 20 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 24 سىنىپى بار بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ؛ ھەر 40 مىڭ نوپۇس بار دائىرىدە 30 سىنىپى بار بىر مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ؛ 300 مىڭدىن كۆپ نوپۇسى بولغان ناھىيە(شەھەر) ئەمەلىي ئېھتىياجقا ئاساسەن ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار ئاساسلىق قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى تەسىس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

تەپسىلاتى:  http://uyghur.xjedu.gov.cn/jyy/zyyw/2013/59833.htm

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز