مىنى سىغىنغۇچىلارغا
مىرئەھمەد مامۇت
ئاسمىنىڭدا ئاي بولالمىسام ،
ئايۋىنىڭغا ياندۇرغىن چىراق .
سۈكۈتلەردە كۈلگە ئايلانسۇن ،
ئىشقىمىزدا ئۆرتەنگەن پىراق .
يۇلتۇز بولۇپ چاقنىيالمىسام ،
پۈتىۋالما ئازابلىرىڭغا .
دەرتتەك ئۇزۇن ،يېڭى ھېكايە،
سىغىنىشنى ئۇلغايتقان يىغا .
كۆزلىرىڭدە ئۇخلىيالمىسام ،
ياشلىقىڭنى قىلما تەسەددۇق .
سۇلار مۇز بوپ قېتىۋالمىسا ،
قولۋاقلاردا ئۈزۈپ كىلەتتۇق .
ئاھ باغرىڭدا كۆكلىيەلمىسەم ،
كىسىۋەتمە يىلتىزلىرىمنى .
تاشتەك قاتتىق خىياللىرىڭغا،
يېزىپ قويغىن سىغىنىشىمنى .
باھار بولۇپ ئېچىلالمىسام ،
گۈللىرىمنى قىلمىغىن پايخان .
ناخشا بولۇپ قالارمەن بەلكىم ،
ئاھ باغرىڭغا ئويۇپ يىزىلغان .
2013يىلى22-نويابىر