تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىدىكى ئالامەتلەر


    ھېسسىيات ئالاقىسىدە، روھىي جەھەتتىكى خورلۇق جىسمانىي خورلۇققا قارىغاندا ئاياللارنى بەكرەك ئازابلايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك:

    1. سىزدىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلماسلىق. بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن قالتىستەك تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئېرىڭىزنىڭ ئۆز قىزىقىشى ۋە دوستلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي دائىم ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇشى مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ يامانلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋاقىتنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق سىزنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    2. ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە رېژىسسۇرلۇق قىلىش. ئۇ دوستلىرىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىقىشىڭىزنى توسسا، يېگەن-ئىچكىنىڭىزگە، كىيىنىشلىرىڭىزگە ئارىلىشىۋالسا بۇ خورلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

    3. ئەركىنلىكىڭىزنى چەكلەش. قەيەرگە بېرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشىڭىز زۆرۈر بولسا، نېمە قىلىشىڭىز، كىم بىلەن قىلىشىڭىز قاتارلىقلارغا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىشنى يوشۇرغىنىڭىزنى بىلىپلا قالسا ئىنتايىن خاپا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن چارچايسىز.

    4. سوغۇق مۇئامىلە ئارقىلىق سىزنى جازالاش. ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر ئادەتتە يانفۇن ئۇچۇرىڭىزغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمايدۇ، نېمە سەۋەبتىن ئاچچىقلانغانلىقىنىمۇ دېمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق سىزنى جازالىماقچى بولىدۇ.

    5. ئەيىبلەپ ھېسسىياتىڭىزغا زەربە بېرىش.«دۆت»، «پور»، «سەت» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزنى ھاقارەتلەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىزنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    6. مەلۇم نەرسىلەرگە خۇمار بولۇش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاشقا كۆنۈك ئەرلەر مەلۇم نەرسىگە ئۆزىنى زورلاپ خۇمار بولىدۇ.

    7. قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلىش. ئەگەر بىر ئەر سىزگە تەھدىت سېلىش ياكى ھەيۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق قورقۇنچ ھېسسىياتى پەيدا قىلسا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

    8. ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرمەكچى بولۇش. كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ئابرۇيىڭىزنى قوغدايدۇ. ھىسسيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەرلەر سىزدىن خالىغانچە گۇمانلىنىش ئارقىلىق ئابرۇيىڭىزنى چۈشۈرىدۇ.

    9. سىزگە بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش. سىزنى ھېسسىيات جەھەتتىن خورلايدىغان ئەر سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «بىزنىڭ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/16/content_480601.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز