بالىڭىزنىڭ كۆزىدە ھەر كۈنى ئەتىگەن ئويغانغاندا چاپاق قايناپ قالسا، ياش خالتىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇۋاپىق ئۇۋۇلاش ئارقىلىق، كۆپ قىسىم بوۋاقلاردىكى ياش خالتىسى ياللۇغىنى ساقايتقىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۇسۇلى: بۇرۇن تۈۋىدىن بۇرۇن ئۇچى تەرەپكە قارىتىپ ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدىكەن. ئەمما ئۇۋۇلىسىمۇ ياخشى بولمىسا، دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىش لازىم ئىكەن.