تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جىنسىي قىلمىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش خەۋپى


قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىز ئىختىيارسىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قېلىشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ دەپ سورايمىز. بىز بۇ خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ قارايمىز، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ھەمدە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتقان شەخسنىڭ پىسخىكىسى ھەمدە قىلمىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر ماقالە ئەمەلىي زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يۆلىنىشلىك تەھلىل قىلغان ماقالە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشى ۋە پوزىتسىيسى بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى، جىنسىي قىلمىش شەكلى، نومۇس، ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش
كىرىش سۆز
جۇڭگودا، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن قوشنا، رايونلۇق زەھەر سودىسى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت، رايونلۇق ئىقتىساد نىسپىي ئارقىدا قالغان، مەدەنىيەت تەربىيىسى دەرىجىسىنى نىسبەتەن تۆۋەن، ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىش ۋە ئالدىن ئېلىش نىسبەتەن ئاجىز، جىنسىي قوغداش ئېڭىمۇ نىسبەتەن ئاجىز بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى ئەيدىز كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بەزى ئاز سانلىق مىلللەتلەر يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قوزغالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. يۈننەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى، سىچۈەن ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ كۆپ رايون، بۇ رايونلاردا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان④ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇستا %8 نى ئىگىلەيدۇ، ئەمما تىزىمغا ئېلىنغان HIV مۇسبەت كېسەللەردە، ئاز سانلىق مىللەتلەر %36 نى ⑤ ئىگىلىگەن.
ئادەتتە ئېيتىلغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئاساسلىقى تۆت خىل بولىدۇ: 1. ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى (HIV مۇسبەت) بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، يۇقۇملانغان قان، ئىسپېرما اكى سۈيدۈك يولى ئاجراتمىلىرى بىلەن ئۇچراشسا؛ 2.ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن زەھەر چەككۈچى بىلەن شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇرغا ئۇرۇش؛ 3. ئەيدىز ۋىرۇسى بار قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى كىرگۈزۈش؛ 4. يۇقۇملانغان ئاياللانىڭ ھامىلىدار بولغان، تۇغقان ياكى ئېمىتكەن ۋاقىتتا ۋىرۇسنى بوۋاققا يۇقتۇرۇش. بۇنىڭدا دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش (بولۇپمۇ تومۇردىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش) ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئاساسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يۇقىرى خەۋپتىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يولى. يېقىنقى ئىككى يىلدىكى ئەيدىز كېسىلىنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تومۇردىن ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىكى ئۆرلەش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا زەھەر چەكلەش ۋەزىپىسى بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، يىللىق دوكلاتتىكى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كېسەللەر سانىنىڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشى 2008-يىلدىكى %16.8 تىن 2009-يىلى %9.3 كە تۆۋەنلىگەن، 2010-يىلى 1-10 ئايدا ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %1.4 تۆۋەنلىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت قوغداش ئېڭى نىسبەتەن ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىمۇ پەيدىنپەي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالدى.⑥
ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئالاقىدار دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلى ھەقىقەتەن ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلغان.⑦ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇسۇلمان مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ ئەيدىز كېسىلى ئېغىر ئاپەت رايونىنىڭ بىرى، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىكى زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدا پەرق بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن تېز سۈرئەتتە بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.⑧ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مۇھىتى ئاستىدا بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق مىللەت، ئەمما زەھەر چەككۈچىلەر سانى پۈتكۈل ئاپتونوم رايون زەھەر چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ، زەھەرنى تومۇردىن ئۇرۇش ھەمدە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ھادىسىس نىسبەتەن ئېغىر.⑨ زەھەر چېكىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق يۇقتۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى، ئەمما مەزكۇر ماقالە ئاساسلىقى باشقا بىر ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولغان-بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى، جىنسىي قىلمىشى ھەمدە ئەيدىز كېسىلى ئۇقۇمى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى سىناق خاراكتېرىدە تەھلىل قىلىدۇ.
بىرىنچى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
گەرچە نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە بىر قىسىم جىنىسسىز نىكاھ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نىكاھ ھەقىقەتەن قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىشنىڭ قانۇنىي كاپالىتى، شۇڭا نىكاھ بىلەن جىنسنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىنس بىلەن ئەيدىز كېىسلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىكى ئاساسلىق بىر يول. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن ۋە مۇھاكىمە قىلغان ۋاقىتتا، بىز  پەقەتلا كېسەل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىلا ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدە مىللىي ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق ئېتىكىسىنى ھەرگىز قايرىپ قويساق بولمايدۇ.(Wang, 2006) ⑩ پەقەت مەزكۇر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى، مىللىي پىسخىكىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. (Painter et al., 2005) ⑪ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شەخسىي جىنسىي قىلمىشى ۋە جىنسىي قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ شۇنداق. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نىكاھتا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئكزگۈرۈشلەر بولدى، نىكاھنىڭ شەكلىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، مۇرەككەپ قۇرۇلما ۋە ئەندىزە شەكىللەندى. شۇڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھ ئۆرپ-ئادىتىدىكى مەدەنىيەت ئۆزگۈرىشىنى تەكشۈرۈش ۋە تەھىلىل قىلىش زۆرۈردۇر.
(1) ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسىدىكى نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى
ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نىكاھ ئادىتىنى شەكىللەندۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئىقتىسادى، دىنىي ئېتىقادى، ئېتىكىلىق ئەخلاق قارىشى ھەمدە ئىنسانىي جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا رولىنىڭ مەھسۇلاتى، بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. تۆۋەندىكىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بىر قىسىم ئومۇملاشقان نىكاھ ئۆرپ-ئادەتلىرى.
1. ئەنئەنىۋى لايىق تاللاش شەكلى
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، ئەر ئايال ئىككى تەرەپ لايىق تاللاشتا ئادەتتە  «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس» تىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ، نىكاھتا يەنە كۆپلىگەن چەكلىمىلەر مەۋجۇت، ئايال مۇسۇلمان بولمىغان ئەر بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ، ئەمما ئەر مۇسۇلمان بولمىغان ئايال بىلەن توي قىلىپ ھەمدە ئۇ ئايالنى ئىسلامغا كىرگۈزسە ساۋاب بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى باش بولىدىغان ۋە مەلۇم كىشى ياكى قوشنىلىرى ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا لايىق تونۇشتۇرىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ئىنتايىن ئاز ئىدى. جەمەتى ياخشى، ئۆز جايىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام قانۇنى ۋە ئەنئەنىسىدە ئەرنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي كۈچى بولسىلا كۆپ بولغاندا تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ياكى قىز بالىنىڭ ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
2. ئەنئەنىۋى نىكاھ قارىشى
ئىسلامدا نىكاھ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھەم ئەڭ كەسكىن پەرزلەرنىڭ بىرى، بىرلا ۋاقىتتا نىكاھلىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن ماددىي، ئەخلاقىي، ئېتىكىلىق ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئاتا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىسلام مۇسۇلمانلارنى توي قىلىشقا، ئائىلە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بويتاقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى نىكاھلىنىش ئارقىلىق جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق شەكىلدىكى نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشنى چەكلەيدۇ. «قۇرئان» دا:«زىنادىن يىراق تۇرۇڭلار، چۈنكى زىنا قىلىش ھەقىقەتەن چاكىنا ئىش، يىرگىنىشلىك قىلمىش» دېيىلگەن. چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسىدىن قارىغاندا، زىنا قىلىش مۇقەررەر قان سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى، جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىشى، جىنسىي كېسەللەرنىڭ يامرىشى، ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ يوقىلىشى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ تاپتىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتى ئىسلام ئەقىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كەسكىن نىكاھ قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن. نىكاھتىن بۇرۇنقى، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشقا، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، ئەر-خوتۇنلارنى بىر-بىرىگە سادىق، سەمىمىي نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.
 (2) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشقان نىكاھ ئادىتى
1. ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ لايىق تاللاش
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىن باشلانغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ كونا ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كونا نىكاھ قارىشى، ئائىلە قارىشى ھەمدە تۇرمۇش قارىشىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتتى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل قانۇن بەلگىلىرى ۋە دىنىي سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە تەشكىلىي شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئەر-ئاياللارنى ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە ئورنى ھەمدە باشقا ھەر قايسى تەرەپلەردە پەيدىنپەي ئۆزگۈرۈش كۆرۈلدى. ئاتا-ئانىسى لايىق تونۇشتۇرىدىغان لايىق تاللاش ئادىتى كۆپلىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى، سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ زەربىسى ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىشى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئېچىۋەتتى، ئۇلار ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ لايىق تاللاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولدى.
2. نىكاھ ئەخلاقىنىڭ كەمچىللىكى، مىللەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرى بېسىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى
نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ قارىشىدا ئېغىر ئەيىبلەشكە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرايتتى، ھەتتا شەرىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايتتى. ئەمما ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى بىر قاتار زەنجىرسىمان ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشى نىسپىي قىلىپ ئېيتقاندا مىللەت ئىچىدىكى جامائەت بېسىمىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاجىزلاشتى. ئەنئەنىۋى نىكاھ ئەخلاقى قارىشىغا خىلاپلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازالىنىش ۋە دىققەت قىلىش دەرىجىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇنداق ئېغىر ئەمەس، مىللەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرى، نازارەت قىلىشنىڭ ئاجىزلىشىش نىكاھ ئەخلاقىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
(3)ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ ئۆرپ-ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى
تېزلىكتە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىش ئەندىزىسى ۋە جىنسىي قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسمەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىن ۋە ئەنئەنىدىكى ئەخلاق نىكاھنىڭ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش كۈچى پەيدىنپەي ئاجىزلىشىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش ۋە نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنە كېلىپ بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئېڭى ۋە قوغداش تەدبىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، بىر قىسىم مەينەت جىنسىي قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئېڭى يەنىلا نىسبەتەن سۇس، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قالاق، ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈش سانى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى بىر قىسىم HIV مۇسبەت بولغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا سەزمەيلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا يوشۇرۇن يۇقىرى خەۋپتىكى يۇقۇش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىر بولغانلىقتىن، شۇڭا نىكاھ تۈزۈلمىسى ئىچىدە قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىشتا بولۇش بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشلارنى ئازايتىش يوللىرىنىڭ بىرى. ئەمما، بىز ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، نىكاھ ئائىلىنىڭ جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش كۈچىنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلىغانلىقىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىز، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشىنى ئازلىتىشتا بىخەتەر جىنسىي قىلمىشنى تەشەببۇس قىلىش زۆرۈردۇر. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئەيدىز كېسىلىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشنىڭ بىر يولى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ تۈزۈلمىسىنىڭ جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش  كۈچىنىڭ پەيدىنپەي ئاجىزلىشىشى نىكاھنى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا ئەمدى بىردىنبىر جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشنىڭ شەرتى ئەمەس قىلىپ قويدى، بۇ خىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتە، نىكاھ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى سۇسلاشتى، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنى چەكلەشنىڭ ئاچقۇچى بىخەتەر جىنسىي قىلمىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشى بىلەن ئەيدى كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
(1) ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسىدىكى جىنسىي قاراش
ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىي قارىشى ئاساسلىقى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسۇلمان ئاممىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىچە مۇسۇلمانلار جىنسىيەت مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. Takyi(2003) نىڭ كۆرسىتىشىچە، دىن بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتى بار ئىكەن⑫، بىر قىسىم دىنىي ئېتىقاد بىر قىسىم مۇرىتلارنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىشنى خالىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى تېخىمۇ يوشۇرۇن قىلىۋەتكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشىدا ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى.
1. «نامەھرەم بولىدۇ» دىكى ئەنئەنىۋى جىنسىي قىلمىش
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئەزەلدىن ئىككى جىنىسنى ئايرىۋېتىش بىلەن مەشھۇر، «نامەھرەم بولىدۇ» دېگەن شەكىلدە. چەت رايونلاردا، ئۇيغۇر، تۇڭگان، دوڭشىياڭ، سالا قاتارلىق مۇسۇلمان خانىم-قىزلار ھازىرغا قەدەر «ئائىلە ئاياللىرى سىرتتىكى ئەرلەرگە قارىسا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ھېلىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشى «قۇرئان» ۋە «ھەدس» تىكى ئەقىدىلەر بويىچە ئۆزىنىڭ جىنسىي قىلمىشىنى قاتتىق چەكلەپ كېتىلىۋاتىدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللار ھازىرغا قەدەر يۈزىنى ئوراپ، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن ساقلىنىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللار ھەتتا ياز كۈنلىرىمۇ ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئەر-ئاياللارنىڭ زىيادە ئوچۇق بولۇپ كېتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، زىيادە ئوچۇق بولۇپ كېتىش ئىسلام دىنىغا خىلاپ، ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتتە بولۇش غەرىزىنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەنئەنىۋى جىنسىي قىلمىشتا، دىنىي ئەقىدە ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ چەكلەش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.
2. ئەنئەنىۋى جىنسىي تەلەپ
ئىسلام دىنى قانۇنلۇق نىكاھ ئارقىلىق جىندىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىسلام دىنى جىنسىيەتكە ئۆزگىچە تونۇش ۋە قاراشقا ئىگە. ئىسلام دىنىي جىنسىي ھەۋەسنى چەكلىمەيدۇ ھەم شەھۋەتپەرەسلىككە ئۈندىمەيدۇ، بەلكى نورمال بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، جىنسىي ھەۋەسنى چەكلەش بىلەن شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىش ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ئكىلىسىلا ئاشقۇنلۇق، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە خىلاپتۇر. چۈنكى، ئىسلام دىنىدا ئادەم يېمەيدىغان-ئىچمەيدىغان، پاك پەرىشتە ئەمەس ھەمدە ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە بوي سۇنىدىغان چاكىنا ھايۋان ئەمەس.
ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتى نىكاھ ئارقىلىقلا جىنسىي تەلەپىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىپ، ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بەزىدە بىرەر ئادەم يولدىن چىقىپ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش سادىر قىلسا، جامائەت ئالدىدا رەسۋا بولۇپ، ئاۋامنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالىدۇ. سوتسىئولوگ خوفمان (Goffman,1963) نىڭ نومۇسسىزلىق (stigma) قا بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا (نومۇسسىزلىقنىڭ قارشى ئېلىنماسلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى، جەمئىيەتنىڭ باشقا كىشىلەرگە بولغان سەلبى باھاسى ئارىلاشقان)⑬، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى جەمئىيىتىنىڭ ئېتىكا ئەخلاقى ۋە دىنىي مۇھىتىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇشى تىپىك نومۇسسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىنىي كەيپىياتقا تولغان مۇھىت بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئەخلاقى مۇھىتى ئاسىتىدا ئۆزىنىڭ ناچار قىلمىشىنى چەكلەيدۇ.
(2) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى جىنسىي قىلمىشى-جىنسىي قىلمىشنىڭ پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىشى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، يېپىق ھالەتتىن ئېچىۋېتىلىشكە، ئەنئەنىدىن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشنى پەيدا قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئالغان بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە مەمۇرلار تۇيۇقسىز كەلگەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى «جىنسىيەت ئىنقىلابى» دا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئەمدى جىنسىيەت ھەققىدىكى پاراڭلارنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدىغان بولدى، «ئەر-ئاياللارنىڭ ئوچۇق يەرلىرى تېگىشسە بولمايدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى قاراش پەيدىنپەي ئاجىزلاشتى، دىن ۋە ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى ئاجىزلىدى. جىنسىيەت ئەمدى ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تېما ئەمەس، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى جىنسىيەت ئازادلىقىنى ئىستەيدىغان ۋە سىناق بېقىشقا ئۇرۇنىدىغان بولدى. بۇ دەۋردىكى جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ كەمچىللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىدى.
«سوئال: ئەگەر سىز ۋە دوستلىرىڭىز نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتىگە تۇيۇقسىز ئېرىشىپ قالسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نەچچە ئادەم خۇشاللىق بىلەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭچە ئېھتىمال %50~%60 ئادەم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ. تەخمىنەن %30~%40 ئادەم جىنسىي كېسەل يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ رەت قىلىدۇ.⑭»
ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىدە جىنسىيەت ئەخلاقىنى تەكىتلەپ، قالايمىقان جىنسىي قىلمىشنى چەكلەيدۇ. ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ بىر مەيدان ئويۇنىدا، بىر قىسىم كىشىلەر جىنسىي قىلمىشتا ناھايىتى ئىختىيارىي بولۇپ كەتتى، نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىشىش ۋە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇش ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى، نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق يىرگىنىشلىك ھادىسىلەر ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. تەكشۈرۈشتە، كۆپ قىسىم زىيارەت ئوبيېكىتلىرى %20 تىن %50 كىچە كىشىلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش ۋە نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي قىلمىشتا بولۇش ھادىسىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىمۇ دىن بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ جىنسىيەتكە بولغان چەكلەش كۈچىنىڭ پەيدىنپەي ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ھېس قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى قوغداش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سوئال: خىزمەتداشلىرىڭىزنى چۈشىنەمسىز، دوستلىرىڭىز ياكى قوشنىلىرىڭىزدا نىكاھتىن سىرت ياكى نىكاھلانماي تۇرۇپ جىنسىي قىلمىشتا بولغان ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاب: جەمئىيەتمۇ بەك ئوچۇق بوپ كەتتى. جىنسىيەتمۇ ئوچۇقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ھازىر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن بىرگە تۇرىدىغان، نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىشىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپيىۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە بۇ ئىشلارغا مەيلى دىنىي ئېتىقاد بولسۇن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتمۇ يول قويمايدۇ. بىز توسۇشىمىز، كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. مەيلى كىم بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك⑮.
(3) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىش شەكلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
ئاز سانلىق مىللەتلەر جىنسىيەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەسىلىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشى نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشقا ۋە قالايمىقان جىنسىي قىلمىشتا بولۇشنى قاتتىق چەكلەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ. ئىسلام دىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جىنسىي قىلمىشىدا كۈچلۈك چەكلەش كۈچى بار. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە دىنىي ئەخلاق قارىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشىنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش  ئومۇميۈزلىشىشكە يۈزلەندى. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە غايەت زور خىرىس پەيدا قىلدى. جىنسىيەت ئەمدى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تېما ئەمەس بولۇپ قالدى، ھەتتا «سەھنە» گە چىقىشقا باشلىدى، نىكاھتىن سىرت بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشى ھەقىقەتەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىغا ئىسسىق ئۇۋا تەمىنلەپ بەردى.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، جىنسىي قىلمىش شەكلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە كۆپ خىللىشىش شەكلى كۆرۈلدى. غەربنى ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى بايلىقنىڭ توپلىنىش ۋە ماددىي بايلىقنىڭ موللىشىشىنى ئاتا قىلىپلا قالماي، تەرەققىياتمۇ يەرلىك مەدەنىيەتتە كۆپ خىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە زەربە بەردى، ئاز سانلىق مىللەتلەر جىنسىي قىلمىش شەكلى ئەمدى نوقۇل ئائىلىۋى جىنسىي قىلمىش شەكلى ئەمەس بولۇپ، چىگىش مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللەندى. جىنسىي قىلمىشنىڭ شەكلى كۆپ خىللىشىشى، مۇرەككەپلىشىشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. تۆۋەندە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدىغان نەچچە خىل جىنسىي قىلمىش شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتقان جىنسىي قىلمىش شەكلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايان قىلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئائىلە ئاتا، ئانا، بالىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان، ئەر-خوتۇنلار يەككە مۇقىم جىنسىي قىلمىش شەكلىگە ئىگە. قانۇنلۇق ئائىلە يەككە جىنسىي قىلمىش شەكلىنى دۆلەت ۋە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئېتىكا ئەخلاقى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى جەمئىيىتى ۋە ئېتىكا ئەخلاقىمۇ، دىنىي ئېتىقادىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى دىنىي ئەخلاق ئېتىكىسى قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى ۋە چەكلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى قانۇنلۇق ئائىلە جىنسىي قىلمىش شەكلىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەھدىتكە دۇچار قىلدى. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكىللەندى. بۇ خىل جىنسىي قىلمىش ئوبيېكتىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانۇنلۇق نىكاھتىكى ئائىلىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بىر ياكى كۆپلىگەن ئەمەلىيەتتىكى نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. مۇبادا مۇرەككەپ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكلى شەكىللەندۈرسە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ئاشىدۇ. نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشىنى تاللاشتىكى ئوبيېكىتنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كەڭ بولسا، يۇقۇش نىسبىتى ۋە خەۋپىمۇ شۇنچە چوڭلايدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكلىنىڭ كۆرۈلۈشىدە كۆپ تەرەپلەر سەۋەبلەر بار، بىز تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى نەچچە جەھەتتىكى ئاساسلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقتۇق:
1. جورىسىدىن رازى بولماسلىق
سوئال: مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن سىرتتىن ئاشنا ئىزدىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب:مېنىڭچە، ئاساسلىق سەۋەبى جىنسىي جەھەتتە قارشى تەرەپتىن رازى بولمىسا سىرتتىن ئاشنا تاپىدۇ.⑯
سوئال: سىزنىڭچە ئۇلاردا بۇ خىل نىكاھتىن سىرت ياكى نىكاھسىز جىنسىي قىلمىش كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدىن قايسىلار بار؟
جاۋاب: ئېنىقلا جورىسىدىن رازى بولماسلىق دە، رازى بولمىغانلىقىدىن باشقىلارنى ئىزدەيدۇ مېنىڭچە.
سوئال: ھە، ئاساسلىقى موشۇ سەۋەب، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ھە، توغرا، توغرا، توغرا، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى موشۇ.⑰
زور مىقداردىكى قۇرۇلمىلىق سۆھبەت ۋە يېرىم قۇرۇلمىلىق سۆھبەت ماتىرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، جىنسىي جەھەتتىن راھى بولماسلىق ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماسلىشالماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جورىسىدىن رازى بولماسلىق نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتىدە، ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ئاساسلىق لايىق تاللاش شەكلى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرى، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئائىلە بېسىمى بىلەن توي قىلىش ئوبيېكتىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئادەتتە ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئائىلىلەردىن يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قانۇنلۇق نىكاھتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا جەلب قىلىش كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشى، جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتە ماسلىشالماسلىقى، ئادەتتىكى جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ نىكاھتا قانائەت تاپالماسلىقى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى سەۋەبلىك، كۆڭۈل خوشى تېپىشمۇ بىر قىسىم نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2. ئىقتىسادىي سەۋەب
سوئال: مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن سىرتتىن ئاشنا تېپىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: ئىقتىسادمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇلى جىق بولسىلا سىرتتىن ئاشنا تاپقۇسى كېلىدۇ، ئاياللار بولسا پۇل ياكى ئىش بېجىرىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.⑱
ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىش سەۋەبلىرىدە، ئىقتىسادىي سەۋەبمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پۇرسەت بېرىپلا قالماستىن ھەم ئۇلارغا بايلىق ۋە پۇل ئاتا قىلدى. ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر يەككە مۇقىم ئائىلىۋى جىنسىيەت شەكلىدىن قانائەت قىلماي، نىكاھتىن سىرت قىسقا ۋاقىتلىق ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاشنا تاپىدىغان بولدى، بۇنى ھەمىشە ئىپپەت سودىسى بىلەن ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. قۇرئاندىكى دىنىي ئەقىدىلەردە، ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىدا بىر ئەر تۆت خوتۇنلۇق بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى ئابروي ۋە ئەرلىك سالاپەتنىڭ نامايان قىلىنىشى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇ ھازىرقى زامان نىكاھ تۈزۈلمىسىدىكى بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش تەشەببۇسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشىدا جىنسىيەت سودىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېھتىمال ئەرلىك ئابرويىنى قانائەتلەندۈرۈشتىكى ساختا شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئىقتىسادتىكى ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز