تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 12 ئورۇننى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئىكەن.
بۇ 12 ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى چىيەنيى يۆياڭ ئۇچۇر مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى (乌鲁木齐仟叶越洋信息咨询有限公司)، ئۈرۈمچى خۇايۈ ۋېييې مەسلىھەت سوراش باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى (乌鲁木齐华育伟业咨询管理服务有限公司)، شىنجاڭ چىدې مائارىپ مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى (新疆启德教育咨询有限公司 )، شىنجاڭ يىڭلىيەن ئۇچۇر مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى (新疆英联信息咨询服务有限公司)، شىنجاڭ ۋەنتوڭجيې چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى (新疆万通捷出国咨询服务有限公司)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى (新疆维吾尔自治区对外友好交流服务中心)، شىنجاڭ شىندۇڭفاڭ چيەنتۇ چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى (新疆新东方前途出国咨询有限公司 )، شىنجاڭ مېيسىن چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى (新疆美森出国咨询服务有限公司)، شىنجاڭ رۈيتې يۈەنخاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (新疆瑞特远航文化发展有限公司)، شىنجاڭ ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، كاناداغا ئوقۇشقا چىقىدىغانلار مۇلازىمەت مەركىزى (疆澳美加出国留学服务中心 )، شىنجاڭ لەنلۈشۇ خەلقئارالىق مائارىپ ئالماشتۇرۇش مەركىزى (新疆蓝绿树国际教育交流中心) ، شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىساد ھەمكارلىق شىركىتى (新疆国际经济合作公司)قاتارلىقلار.
ئىگىلىنىشىچە، ساياھىتى بولمىغان ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، ساختا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇرىنى تارقاتقان، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنى ئالداش قىلمىشلىرى بولغان ئورۇنلار سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن.