تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سۇنى كۆپ ئىچسە ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق

    ئامېرىكا «پىسخىكا ساغلاملىقى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇنى كۆپ ئىچسە سۇ ئادەم بەدىنىدىكى «ئادەمنى ئازابلىغۇچى ھورمۇن» نى ھەيدەپ چىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئادەمنى ناچار كەيپىياتتىن خالاس قىلىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار ھورمۇننىڭ ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسلەن، چوڭ مېڭىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان EP دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن ۋە قانائەتلەندۈرىدىكەن. شۇڭا بۇ «خۇشاللىق ھورمۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ياكى قورقۇپ كەتكەندە، ئادەم بەدىنىدىن ئادرېنالىن ئاجرىلىپ چىقىدىكەن، بۇ «ئازاب ھورمۇنى» دېيىلىدىكەن. بۇنداق ھورمۇن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، روھسىز قىلىپ قويىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە ئادەم بەدىنى «ئازاب ھورمۇنى» ئاجرىتىپ چىققاندا ئادەمنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى، مەسلەن، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى، چوڭ مېڭە تەپەككۇرىنىڭ ئېغىر قالايمىقانلىشىپ، پۇت–قولنىڭ تىترەيدىغانلىقى ۋە يىغلىغۇسى كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇنداق چاغدا كۆپرەك سۇ ئىچسە، سۇ ئادەم بەدىنىدىكى «ئازاب ھورمۇنى›› نى ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، تەر بىلەن ياشمۇ ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇڭا، كۆڭۈل غەش بولغاندا بىر نەچچە ئىستاكان سۇنى كۆپرەك ئىچسە، تەر چىققۇدەك دەرىجىدە يۈگۈرسە، كۆپرەك ئىش قىلسا ياكى قانغۇدەك يىغلىۋالسا ئادەم يېنىكلەپ قالىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز