تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇلۇغلارنىڭ دوست تۇتۇش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

بىر كىشى بىلەن تونۇشماقچى بولساڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دوستى بىلەن تونۇشۇپ چىق. 

دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز- دوست، دۇنيادا تاپماق ئەڭ تەس نەرسىمۇ-دوست. 

دوست يوقلاش ئۈچۈن قىلىنغان سەپەر ئۇزۇن بىلىنمەس.

دوستى كۆپلەرنىڭ دۇنياسى يايلاقتەك كەڭ، دوستى ئازلارنىڭ دۇنياسى ئالقاندەك تار. 

باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغانلار باشقىلارنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ھوزۇر-ھالاۋەتنى كىشىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلاشمايدىغانلارنىڭ ھەرگىز قەدىناس دوستى بولمايدۇ. 

گۈلنى سۇغۇرۇش كېرەك، دوستلۇقنى قەدىرلەش كېرەك. 

دوستۇمنىڭ يېتەرسىزلىكى بولمىسىكەن دەيدىغانلار مەڭگۈ دوست تاپالمايدۇ. 

يىلپىز بىلەن ئۆچكە بىر پادا بولۇپ ياشىمايدۇ.

تۈمەنلىگەن دوستى بار ئادەمنىڭ بىرمۇ سىرداش دوستى بولمايدۇ.

يېمەك-ئىچمەك دوستلۇقنى چىڭىتىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ، تۆمۈر تاۋلاشقا ئوت كېرەك، دوستقا سەمىمىيەت كېرەك. 

ئالتۇننى توپىغا كۆممە، دوستۇڭنىڭ نەسىھىتىنى ئۇنتۇما.

دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلار تۈنەپ ئەتىسىگە قالمىسۇن. 

ئوڭۇشسىز ئەھۋالغا تولا ئۇچرىساڭ، ھەقىقىي ياخشى دوستقا ئېرىشىسەن.

دوستلۇق ئېچىلىۋاتقان چېچەك، ۋاقىت ئۇنى مېۋىگە كىرگۈزەلەيدۇ. 

مال-دۇنيا دېگەن دوستلۇق ئەمەس، دوستلۇق دېگەن مال-دۇنيا. 



ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز