تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بازارغا بېرىپ خوتۇن تاللاش

 

بېربېر مىللىتى شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىنتايىن قەدىمى مىللەت بولۇپ، ئۇلار زور كۆلەمدىكى ئىپتىدائىي ياشاش شەكلىنى ساقلاپ قالغان، غەرب ئەللىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىپتىدائىي ياشاش شەكلىنى قوغلىشىپ، بېربېر مىللىتى ياشايدىغان كەنتلەرگە كۆچۈپ كەلگەن.

«بېربېر» قەدىمى رىم تىلىدا «ياۋايى ئادەملەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى بېربېرلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن. قەدىمىي بېربېر مىللىتى ئاساسلىقى ماراكەشتىكى ئاتلاس تاغ ئېتىكىدە ئولتۇراقلاشقاندىن باشقا يەنە، ئالجىرىيە، لىۋىيە، تۇنىس ۋە مالىدىمۇ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ %90ى ئىسلام دىنىغا، قالغانلىرى خىرىستىئان دىنى، يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. 7-ئەسىردە ئەرەبلىك شىمالىي ئافرىقىغا كىرگەندىن باشلاپ، بېربېرلار ئىسلام دىىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلاپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىكەن. قىسمەن قەبىلىلەرنىڭ مەسچىت سېلىشى ئەرەب مىللەتلىرىنىڭكىگە ئوخشاشمايدىكەن، يەنى گۈمبەزنىڭ شەكلى يۇمىلاق شەكىلدە بولماستىن، تۆت بۇرجەكلىك ياكى ئالتە بۇرجەكلىك بولىدىكەن. بېربېرلارنىڭ تىرىكچىلىك يولى مۇقىم ئەمەس ئىكەن. بەزىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ئولتۇراق ئاھالە بولسا، يەنە بەزىلىرى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆچمەن چارۋىچى ئاھالە ئىكەن

بېربېرلارنىڭ بارلىق ئۆيلىرىگە ئىشىك ئورنىتىلمىغان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا ئۆڭكۈرگە ئوخشايدىكەن.

بېربېر مىللىتى ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، نىكاھلىنىشىدا نۇرغۇن ئالاھىدە ئادەتلىرى مەۋجۇتكەن. بېربېر مىللىتى ياشايدىغان رايوندا، ئەيمو مىچېل ناملىق بىر كەنت بار بولۇپ، ئۇ يەردە يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان، كىشىلەر تەرىپىدىن «توي قىزى بازىرى» دەيدىغان نىكاھ بازىرى بار ئىكەن. بېربېر مىللىتىدىكى قىزلار 12 ياشقا توشسىلا، بۇ خىل نىكاھ بازىرىغا كىرەلەيدىكەن. بۇ خىل بازارغا سېلىنغان قىز مەلۇم بىز توي تەكلىپى قويغۇچى يىگىتنى ئۆزىگە جەلب قىلالىسا، ئاتا-ئانىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، شۇ يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشسە بولىدىكەن.

ماراكەش قانۇنىغا ئاساسەن، 16 ياشقا توشمىغان قىزلار توي قىلىشقا يول قويۇلمايدىكەن، ئەمما نۇرغۇن بېربېرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ قائىدىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بويىغا يەتمىگەن قىزلىرىنى بۇ خىل «بازار»غا ئېلىپ بېرىپ، يىگىتلەرنىڭ تاللىشىغا قويىدىكەن. بۇ «بازار» تۇل خوتۇن ۋە ئاجراشقان ئاياللارغا نىسبەتەن، يەنە بىر قېتىم مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيدىغان ئوچۇق ئاشكارا ئورۇن بولۇپ، پەرزەنتلىك بولۇش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاچقا، نىكاھلىنىشى بىر قەدەر ئاسانغا چۈشىدىكەن.

بېربېر ئاياللىرى توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئانىىسى خېنىنىڭ سۈيى بىلەن قىزىنىڭ پاچىقىغا سىزىپ قويىدىكەن، بۇ كەم بولسا بولمايدىغان قائىدە ئىكەن. بېربېرلار بۇنداق قىلغاندا، بارلىق بالا-قازادىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.

قىزى ياتلىق قىلىنغاندا، يۆتكەپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئانىسى قىزىنىڭ تىزىغا سۆيۈپ قويىدىكەن. بۇ قائىدە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياتلىق قىلىنماقچى بولغان قىز بىر مەزگىل ئايرىم ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىكەن، ئاندىن تۆگىگە مىنىپ قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىكەن. ئانىسىنىڭ ئايال تۇغقىنىدىن بىرى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىكەن، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، بۇ ئايال تۇغقىنى كېلىنچەكنى ياتاقخانىسىغا كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ قويىدىكەن، كېلىنچەكنىڭ پۇتى يەرگە تەگسە بولمايدىكەن، بولمىسا ئۇنى تېنىغا ئالۋاستى كىرىۋالىدۇ، دەپ ئويلايدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز