27-ماي سائەت 18:30 دا ، شىنجاڭدىن 7760 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىشقا توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشتى . 26-ماي سائەت 0:00 دىكى ئىستاتىسكىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 1228 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان .
26-ماي ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، قوبۇل قىلىنىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلارغا تىزىملاتقانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولغان . ئۈرۈمچى سايباغ رايونى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ئىش باشقارمىسىغا ئالتە ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، 1195 ئادەم تىزىملاتقان . شىنجاڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يەتتە ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، 401 ئادەم تىزىملاتقان . بىر قىسىم ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان .
يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 6-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە بولۇپ ، ئارقىدىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن . سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ ، خىزمەت ئورنى قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ، شۇ خىزمەت ئورنىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن نومۇر چەكتىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ ، تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقايسى ھالقىلاردا قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ، ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە تولۇقلىنىدىكەن .