پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 6-فېۋرال خەۋىرى:
ھىندىستاننىڭ بىر سوتى شىياۋمى يانفونىنىڭ سېتىشنى چەكلەش پەرمانىغا بويسۇنمىغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان، سېتىلىشىنى چەكلەش پەرمانى بىر پاتېنت ھوقۇقى دېلوسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۇ ئەقلىي يانفون ياساش شىركىتىنىڭ كېڭىيىش پىلانىغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2014-يىلى 12-ئايدا، سوت ئېرىكسون (Ericsson) شىركىتىنىڭ شىياۋمىنىڭ ئېركسوننىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىياۋمى يانفونىنىڭ سېتىلىشى ياكى ھىندىستانغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ قارار شىياۋمىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ؛ شىياۋمى شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان شىياۋمىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق بازىرى ئىكەن.
قانۇن تەھلىلچى زاتلار بۇ ئىش خېلى چوڭ دەپ قارىدى، بۇ ۋەقە شىياۋمى ۋە جۇڭگونىڭ باشقا يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىمال چەتئەل سوتىدا تېخىمۇ كۆپ پاتېنت ھوقۇقى ماجىراسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. جۇڭگودىكى قانۇن سىستېمىسىدە، ئوخشاش خىلدىكى پاتېنت ھوقۇقى ئەرز-شىكايەتلىرىنى سۇنۇش ھەمىشە ناھايىتى تەس.
شىياۋمى كېيىن ئىككىنچى تۈرلۈك ھۆكۈمدە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئېرىشتى، پەقەت ئېرىكسوننىڭ پاتېنت ماجىراسىغا ئالاقىدار زاپچاسلار بار يانفوننى ئىمپورت قىلىش ياكى سېتىش چەكلەندى. بۇ ھۆكۈمدە بۇ زاپچاسلارنى تەيۋەن ئۆزەك ياساش شىركىتى MediaTek نىڭ ياسىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى.
يېڭى دېھلىدىكى بۇ سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە تەكشۈرۈش خادىمى تەيىنلەپ، ئېرىكسوننىڭ قارىشىنى تەكشۈرەيدۇ، يەنى شىياۋمى يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككىنچى ھۆكۈمدىكى ماددىغا پىسەنت قىلمىغان. مەزكۇر تەكشۈرگۈچى خادىم 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سوتقا دوكلات تاپشۇرىدۇ.
ئېرىكسون:«بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، گەرچە سوت مەھكىمىسى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، MediaTek نىڭ ئۆزىكى قوللىنىلغان شىياۋمى يانفونى يەنىلا ھىندىستانغا ئىمپورت قىلىنماقتا ھەمدە سېتىلماقتا» دېدى.
شىياۋمى بۇ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلدى، ئېرىكسوننىڭ قارىشى ئۈچىنچى تەرەپ تور بەت Xiaomishop نى ئاساس قىلغان، شىياۋمىنىڭ ئاساسلىق سېتىش ھەمكارلىق شېرىكى، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكترون سودىسى پارچە سېتىش شىركىتى Flipkart ساتقان يانفوننى ئاساس قىلمىغان، دېدى.