چاچ چۈشۈش ئاساسلىقى چاچ يىلتىزىنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش، بەدەندە قان بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىىن مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، شۇ جايدىكى چاچلار ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ:
* سامساقتىن بەش چىشنى چاناپ بىر قوشۇق ھەسەل ھەم قاق چوڭلۇقتىكى ئۆردەك يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا شىپا بولىدۇ.
* ھۆل زەنجىۋىلنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، باشقا سۈركەپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، چاچ چۈشكەن جايغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
*شاپتۇل مېغىزىدىن بەشنى، كاۋاۋىچىندىن ئۈچ قوشۇق ئېلىپ، يەر ياڭىقى بىلەن قاينىتىپ، چىققان ماينى سۈزۈلدۈرۈپ، كەچتە بىر قوشۇقتىن سۈركەپ بەرسە چاچ چۈشۈشنى توختىتىپ، چاچ چىقىرىدۇ.
*چامغۇر سۈيى بىلەن چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
* چاچ يۇيىدىغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، چاچنى پارقىرىتىدۇ چەم چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
* پىياز سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ چاچنى يۇسا، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.