بەدەن ئىگىزلىگىمۇ جىنىسي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ
---پەرىق بەك چوڭ بولغاندا، مۇۋاپىق بەدەن شەكلىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم
چەتئەلنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، جۈپلەرنىڭ بەدەن ئىگىزلىگى پەرقىدە، ئەركەكلەرنىڭ ئاياللاردىن 12 سانتىمىتىر ئىگىز بولۇشى ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن، بۇنداق بولغاندا مەيلى يېتىلىشىپ مېڭىش، قۇچاقلىشىش، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدىكەن. بىراق ھەممە ئادەمنىڭ سۆيگىنى چىرايلىق ياكى سەت بولسۇن، ئۆزىگە چىرايلىق ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن شەكىل پەرقى بەك چوڭ بولسا، جىنىسىي تۇرمۇشتا بەزى مەسىلىلەرگە ھەتتا ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھىسىياتىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بەدەن ئىگىزلىگى، بەدەن ئېغىرلىغى پەرقى بەك چوك جۈپلار، جىنىسي مۇناسىۋەتتە بەدەن شەكلىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، ئۆز-ئارا ماسلىشىشى كېرەك.
بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسلىرى ئەسكەرتىدۇكى، جىنىسي مۇناسىۋەت ئىككى تەرەپنىڭ تەن ۋە روھىنىڭ بىرلەشمىسى، پەقەت ئىككى تەرەپ چىن قەلبىدىن بىر-بىرىنى سۆيسە، بەدەن شەكلىدە چوڭ پەرق بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ جىنىسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشىگە ۋە جىنسي خۇشاللىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.