يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئاساسەن يوشۇرۇن بولۇپ، بىر مەھەل ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى قەرەللىك ئۆلچەپ ئۆزىڭىزگە دىياگنوز قويۇپ تۇرۇڭ.
مۇتەخەسىسىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۈرەك زەئىپلىشىش يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قېرىشى، يۈرەك خىزمىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشى بولۇپ، بۇ زەخىملىنىش يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى بىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بەدەن ئېغىرلىقىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇشتۇر. ھەر كۈنلۈك بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىر كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەنلەردە بەدەن سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قالغان بولىدۇ. بۇخىل ئەھۋال داۋاملاشسا يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن سىزدە بىر ساغلاملىق تارازىسى كەم بولمىسۇن. بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى قەرەللىك توغرا ئۆلچەپ تۇرۇڭ، ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ھاجەتتىن كېيىن ۋە ناشتىدىن بۇرۇن ئۆلچەڭ. يۈرەك زەئىپلىشىش ئېغىرلاپ كەتكەندە، سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ چىقىپ كېتىشىدىن(كۈنىگە 1500مىللىلىتىر ئەتراپىدا) ساقلىنىڭ. مۇبادا، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتسە، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش تەدبىرىنى مۇۋاپىق قوللانسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تۇيۇقسىزلا ئادەتتىكىدىن 1000 – 1500گىرام ئېشىپ كەتسە بۇ سىزگە بېرىلگەن يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكنىڭ سىگنالى بولىدۇ. پۇت، قورسىقىڭىز ئىششىسا، نەپىسىڭىز قىيىنلاشسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى