ئاتا-ئانىلار دائىم:«بالىلار ھەرقانداق ئىشىنى بىزگە دېمەيدۇ-دە» دېيىشسە، بالىلار:«ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار ئاغزى بېسىقماي سۆزلىگەن بىلەن بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمىز بىلەن كارى يوق دېيىشىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ، بالىلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا دېگۈسى بولسىمۇ ئاغزىدىن چىقىرالمايدۇ.
رازىيە مىجەزى چۇس قىز، سەللا كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىش بولسا، نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېتىپ-چېقىپ جېدەل چىقىرىدۇ. دائىم: «مېنى تۇغمىساڭ بوپتىكەن، ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى! مەن بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كېتىمەن...» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۆپ دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئاتا-ئانىسى جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ. بولۇپمۇ، ئاپىسى ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن مەلىكىگە ئوخشاش ئەركە ئۆسكەن بۇ گۆدەك قىزىنىڭ ئاغزىدىن ئۇ خىل «ئېغىر» سۆزلەرنىڭ چىققانلىقىدىن، ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالىدۇ ۋە ئىلاجسىز مەكتەپتىن پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىدۇ. پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. ئەسلىدە ئاپىسىنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى خاتا بولغان. مەسىلەن: ئويۇنچۇيق ئويناۋاتقان رازىيە زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغان ئاپىسىنى بىرگە ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بىراق ئاپىسى ئاچچىقلىنىپ «ماڭ! ماڭ! ئۆزۈڭ ئوينا! ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ»دەپ سىلكىشلەيدۇ. رازىيە قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، قولىدىكى ئويۇنچۇقلارنى يەرگە ئاتىدۇ.ئاپىسى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ بېرىپ ئۇنى بىر تەستەك سالىدۇ. رازىيە يىغلاپ «ئۆينى بېشىغا كىيىدۇ». ئاپىسى ئىلاجسىز ئۇنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ.
پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى رازىيەنىڭ ئاپىسىغا مۇنداق دەيدۇ:
-كىچىك بالىلارمۇ ئادەم، كۆپلىگەن مەسىلىلەردە سىز ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، ئۇ چۈشەنسە پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىلگىرى سىزدە بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولغان!
ئاپىسى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، شۇ بويىچە ئىش تۇتقاندىن كېيىن، رازىيەمدىكى ئىللەتلەرمۇ تېزدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ بەرسە، بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى، ئالدىراش ئىشلەيدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىپ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان خاتا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى قانداق چۈشىنىشى كېرەك؟
1. بالىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش
ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ھېسياتلىق، قىزغىنلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىلار سۆزلىگەندە، سۆزىنى بۆلۈۋەتمەي، تەنقىد قىلماي، بالىلار مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنىشى، بالىلارنى ئۆزىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەندۈرۈشى لازىم.
2. دائىم بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش
پەرزەنتلىرى ئىدىيە جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش يالغۇز ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئويى، مەقسىتىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىپ، ئائىلىنىڭ بىر قىسىم يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشىغا پايدىلىق.
3. بالىلارنى قانداق كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش
ئەجدادلار:«كۆزنى روھىي دۇنيانىڭ تۈڭلۈكى دېسە، سۆزنى روھىي دۇنيانىڭ ساداسى» دەپ ئاتاشقان. بالىلارنىڭ سۆز تەلەپپۇزى، ھەرىكىتى ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى، خاتىرىسى، سىزغان رەسىملىرى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ئىنكاسى. ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى كۆرۈپ ئاز بولمىغان ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ھالدا بالىلارنىڭ دائىم ئارىلىشىدىغان دوستلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ.
4. ئۇچۇر مەنبەسىنى كۆزىتىش
مەكتەپلەرگە كۆپرەك بېرىپ سىنىپ مۇدىرىدىن بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىنى، ئۇستازىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشى لازىم، بۇ ئۇچۇرلار بالىلارنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى كېيىنچە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيەلىشىگە پايدىلىق.