ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئارخېتىكتورلىرى جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: ھازىر سېتىلىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى كونا ئۆيلەرنىڭكىدىن كىچىك بولۇۋاتىدۇ، بىراق بۇ يۈزلىنىش ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىزگە كۆلىمى كىچىك ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: يەر باھاسى ئىزچىل ئۆرلىگەچكە ئۆينىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كىچىكلەپ ھەم باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر كىچىك ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن ئۆينىڭ باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، مائاشىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر ئاستا، گەپنىڭ نېگىزىنى قىلغاندا، بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىققا باغلىق بولۇپ قالدى.