تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سىزگە ھەممىدىن ئايالىڭىز پىدائىدۇر

تەڭرى ياراتقان مۆجىزنىڭ ئەڭ نادىرى ئايال ! ئۇنىڭ پىئىلى سىر ھىكمەتكە تولغان. مىڭ پەسلى ،مىڭ رەڭگى بار.ئۇ چەكسىز سەھىپىلىك سىرلىق دۇنيا ئۇنىڭدىن سىر ھىكمەت چىقىۋىردۇ . بىركۈنى مەن بوۋامدىن مۇنداق بىر گەپ ئاڭلاپ قالدىم ئۇ دۇئا قىلۋىتىپ «تەڭرىم ھىچكىمنى ئايالسىز قويمىسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ئاخىر بىر كۈنى مەن بوۋامدىن سورۇدۇم بۇ نىم دىگىنىڭىز ، بوۋام بۇ دۇنيادىن ئايالىڭىزدىن كىيىن قېلىشتىنمۇ ئارتۇق يىتىملىك يوق دەپ جاۋاب بەردى .

كىبىر بىلەن بۇرۇت تولغاپ تۇرغان ئەركەكنى ، ئىشىكتىن كىرۋىتىپ ھۆركىرەك ئاۋاز بىلەن ئەمىر پەرمان بىرىپ ،ئۆزنى ھەسرەتلىك تۇتۋاتقان ئەركەكنى ، سىنىڭ قولۇڭدىن نىمە كىلەتتى؟ دەپ ئايالىنى ئاياغ ئۇچۇدا كۆرۋاتقان بەندىنى ئىچ ئىچىمدىن كۈلۈپ كۈزتىمەن بىر ئايلا ئاياغسىز قېلىپ باقسۇنچۇ بۇزات ھالى نىم بولار ئىكەن ! ئاھ دادىلار، ئەرلەر يىگىتلەر ، ئاكلار ، ئۇكلار بەربىر غەپلەت ئۇرۇپ تۇردۇ سىلەرنى ! - ئايال دىگەن زاتنى ، جېنىڭىزغا، كەيپىياتىڭىزغا ، ئوڭ _سولڭىزغا قۇرغان قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن قەدمىڭىزدە بىر شۈكۈر ئېيتىپ تۇرۇڭ!

جۈپتىڭىز يەتتە ياتتىن يات بولسىمۇ، گوياكى تۇققان سىڭلىڭىز دىرىجىسدە كۆرۈلمەك.خوش سىڭىل كىم؟ سىڭىل تەبىئەتتە جۈملىدىن ئاكسىغا ھەممىدىن بەك باغلانغان بولدۇ، ھەر «ئاكا » دىگەندە تاغلار ئۆسدۇ شۇ بىر سۆز بارلىق كەملىكنى تولدۇرۇپ تۇرغاندەك تۇيۇلدۇ . ئادەم مەكتەپ كۈرۈپ، نەسھەت ئىشتىپ، بۇنداق مىھرىبان بولۇپ قالمايدۇ م، بۇ ئىلاھى مۇ ھاببەتتۇر، بۇ ئىلاھى قەدىردۇر! ئويلايسىز:«ناھاياتەن جۈپتىڭ سىڭلىڭنىڭ ئورنىنى باسالىسا ھە- ؟»مەن ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمەنكى ، ۋاختى كەلگەندە ئايالىڭىز سىزگە سىڭلىڭىزدىنمۇ بەك پىدائىدۇر !

سىز ھەمىشە ئايالىم مىنى ياقتۇرۇپ تۇردۇ دەپ ئويلامسىز؟ سىزنىڭ كۆڭۈل قالدۇردىغان ئىشڭىز يوقمۇ؟ كۆپ بارغۇ ئۆرگىلەي! گاھىدا يۈزىڭىزگ قارغۇسمۇ كەلمەيدىغان پەيىتلەر بولدۇ ئۇنىڭ ! ئەمما « نىملا بولسىمۇ ئۆمۈر يولدۇشۇم دە دەيدۇ »دەخىزمىتىڭىزنى قىلىۋىردۇ تۆنۈگۈن ئۇنى قان قاخشاتقان بولسىڭىزمۇ بۈگۈن بىرەر كىسەل بۇلۇپ قالسىڭىز سىزنى يۈدۈپ يۈرۈپ شىپايىڭىزنى ئىزدەشكە باشلايدۇ .ئەگەر ئىختىزادى كەملىك يۈز بەرسە ئانا مىراس بۇيۇملىرنى سېتىپ بولسىمۇ قەرىزنى ئۈزدىغنى يەنلا شۇ ئايال!@ پىئېلىڭىز تاريىپ قېرىنداشلار ۋە ھەتتا باللىرڭىزغىمۇ ياقماي قالغىنڭىزدا« تەڭرى رازلىقى ئۈچۈن ، ئۆتۈپ كەتكەن قېيىن ئاتام- قېيىن ئانام ئۈچۈن» دەپ ئاق بىلىپ ئاق كۆرسىتىدىغنىمۇ يەنلا شۇ ئايال! جۈپتى ساياق يۈرۈپ ، تاكى بۇرنى قاناپ، پىشانىسى تاشقا تىگىپ ، ھىچكىمگە كىرەك بولماي قالغىندا ئۇ نىڭغا بارمىقنى تەككۈزۈشكە يىتگىنىپ تۇرسىمۇ« ئەگەر مەن كەچۈرمىسەم نابۇت بولدۇ» !دەپ يەنە ئۇنۇڭغا ئىسىق چاي دەملاپ ئالدىغا داسخان سېلىۋىردىغنىمۇ يەنلا شۇ مەرد ئايال! بۇنداق بى مىننەت سۈينۈش ۋە بىمىننەت دوستىن ئايرىلىش ئەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە غېرىپ ۋە يىتىملىك بولدۇ دە!

سىز بۇقاراشقا چال بولغاندا يەتمەڭ بۇرادەر ! ئايالنىڭمۇ ئارقىسدا تۇردىغان ھەق سۆزلەيدىغانلارمۇ بار . بۇدۇنيادىكى بارلىق ئىشلىرمىز ئۈچۈن كېيىن ھىساپ تاپشۇرمىز . ئايال ئىقلىمدىن كىلىپ چىققىنىم ئۈچۈن شۇنداق ئېيتىمەنكى ئايالىڭىز بۇ دۇنيادا سىز ئۈچۈن كۈيۈپ ياشدى . ئۇ ئەمدى ئاخرىەتتىكى ئەرزىيتىڭىزنى كۈرۈپ پۇچلانمىسۇن. ئۇنڭى ئۆمرىنىڭ ھەممە بىكەتلىردە مۇۋاپىقىيەتلىرڭىزنى كۈرۈپ شاتلانسۇن !

 

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز