12 مىلىيون 280 مىڭ يۈەنلىك چەكلىك نۇسخىدىكى ئالى بابا iPhone نى بارلىققا كەلدى
25 مىلىيارد دوللار مەبلەغ سېلىش ئالى بابانى تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پايچېكىنى بازارغا سالغان شىركەتگە ئايلاندۇردى، مايۈن ۋە ئۇنىڭ ئالى باباسى تارىخقا يېزىلدى.
iPhone 6 ئەمدىلا بازارغا چىقىشى بىلەن، ئامېرىكىدىكى نەپىس بۇيۇم شىركىتى Falcon Luxury فالكون بىر يۈرۈش چەكلىك نۇسخىدىكى باھاسى 2 مىلىيون دوللار ( تەخمىنەن 12 مىلىيون 280 مىڭ يۈەن) گە يىتىدىغان ئالى بابا ھەشەمەتلىك iPhone 6 نۇسخىسىنى ياساپ چىقتى.
رەڭ تەرەپتىن، ئاق ئالتۇن، 24K كاراتلىق ئالتۇن، 24 دانە قىزىلگۈل تىللاسى رەڭلىك ئۈچ خىل بولۇپ، ھەربىر نۇسخىسى پۈتۈن دۇنيا بويىچە چەكلىك مىقداردا 25 دانىلا بولغان. يانفوننىڭ ئارقا يۈزىگە بىر 60 كاراتتىن ئاشىدىغان برازىلىيە قىممەتلىك تېشى ئورنىتىلغان، ئەتىراپىغا بەش كاراتلىق ئالماس ئىشلىتىلگەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ سىغىمى 128GB بولۇپ، A1586 نۇسخىسى پۈتۈن تورنى قوللايدۇ، بەش يىل سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل نۇسخىدىن سىرت، ئىستىمالچىلار يەنە پۇل قوشۇپ باشقا نۇسخىىنىڭ تاللىيالايدۇ.