كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش
ئورماندا ئىنتايىن جىددىي ئاقىدىغان بىر دەريا بار ئىدى، دەريا سۇ توختاۋسىز قاينام ياساپ، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ، يىراقلارغا كېتەتتى. بۇ دەريادا بىرلا ياغاچ كۆۋرۈك بار ئىدى، ئۇ شۇنچىلىك تار ئىدىكى، بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئادەم ئۆتەلەيتتى.
بىر كۈنى كۈنچىقىش تاغدىكى قوچقارنىڭ كۈنپېتىش تاغدىكى بۆلجۈرگەننىڭ پەيزىنى سۈرگۈسى كېلىپ قالدى، بىراق بۇ چاغدا كۈنپېتىش تاغدىكى قوشقارمۇ كۈنچىقىش تاغدىكى ياۋا مېۋىلەرگە كۆزى چۈشكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا بۇ تار ياغاچ كۆۋرۈككە كەلدى، ئۇلار مېڭىپ كۆۋرۈكنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە بىر-بىرىگە روبىرو كېلىپ قالدى، ھېچقايسىسى بۇنداق ئەھۋالدا بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتەلمەيتتى.
كۈنچىقىشتىكى قوشقار بۇ خىل قاتمال ۋەزىيەت خېلى ئۇزاق داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۈنپېتىش تاغدىكى قوشقارنىڭ يول بەرگۈسى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، تولىمۇ سوغۇق ئاۋازدا ھەيۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھوي، كۆزۈڭ قۇيرۇقۇڭغا ئۆتۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ غوجىئاكاڭنىڭ كۈنپېتىش تاغقا ماڭغىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
-كىم مېنىڭ غوجىكامكەن؟- دېدى كۈنپېتىش تاغدىكى قوشقارخۇددى ھازىرلا ئۇنى دەرياغا تاشلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا،- قارىسام سېنىڭ كۆزۈڭ كور بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، بولمىسا غوجاكاڭنىڭ يولىنى توسماس ئىدىڭ!
-يولنى بىكارلامسەن يوق؟ بىكار سېنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىمەن جۇمۇ!- دېدى كۈنچىقىش تاغدىكى قوشقار ئىگىلگەن مۈڭگۈزى قۇلىقىغا چۈشكەن بېشىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ. بۇ ئۇنىڭ مۇنداق دېگىنى ئىدى: كۆردۈڭما، پېقىرنىڭ بۇ بىر جۈپ مۈڭگۈزى زۇلپىقاردىنمۇ ئۆتكۈر، ئۇ سېنىڭ سېمىز گۆشۈڭنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ بولغان.
-كۆرۈڭ ما نوچىلىقنى؟ سەن تېخى پېقىر بىلەن تۇتۇشۇپ باقماقچىمۇ؟ سەندىن قورققان جاننى مولۇنغا تاشلاپ بېرىمەن-دېدى كۈنپېتىش تاغدىكى قوشقار ۋە كۆككە قاراپ تازا بىر مەرىۋەتتى، ئاندىن ئۆتكۈر خەنجەردەك مۈڭگۈزنى توغرىلاپ كۈنچىقىش تاغلىق قوچقارغا ئېتىلدى.
-قاپ يۈرەك خۇمپەر! قارىغاندا سەن شۇم جېنىڭدىن تويغان ئوخشايسەن!-دېدى كۈنچىقىش تاغدىكى قوشقار مۈڭگۈزنى توغرىلاپ رەقىبىگە ئېتىلدى.
«قاراس-قۇرۇس» بۇ ئىككى قوچقارنىڭ مۈڭگۈزلىرى سوقۇلغاندا چىققان ئاۋاز ئىدى؛ «پولتۇڭ-» بۇ ئىككى قوچقارنىڭ كىرىشىپ كەتكەن مۈڭگۈزلىرىنى ئاجرىتالماي دەرياغا تەڭ چۈشۈپ كەتكەندە كۆتۈرۈلگەن شاۋقۇن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئورمانلىق تىنجىپ قالدى، ئىككى قوشقار دەريادىكى بىر چوڭقۇر قاينامغا كىرىپ قېلىپ سۇغا غەرق بولدى، ئۇلارنىڭ جەسىتىنى شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ئېقىتىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ھېكايە تۈگىدى. ئۇ بىزگە بىر-بىرىگە يول قويۇشنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. دېمىسىمۇغ ئادەم ھەممىلا يەردە نوچىلىق تالىشىپ يۈرسە چوقۇم بىر كۈنلەردە مىخقا ئۈسۈۋالىدۇ، يەنە كېلىپ يول قويماسلىقنى بىلمەسلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بەزىدە نوچىلىق تالىشىپ يۈرگەنلەرمۇ بىلەلمەي قالىدۇ، يامان ئاقىۋەت يۈز بەرگەندە بولسا ئۇلار پەقەت تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھىغا تۆۋە قىلىۋاتقان بولىدۇ.