تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (39)
ئوتنى كىم ياققان؟
بىر كۈنى كەچتە سەنلاڭ ئاچىسىنىڭ «جىددىي ئىش چىقىپ قالدى ئۆيگە بىر كەلسىڭىز» دېگەن مەزمۇندىكى تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئۇنىڭ ئاچىسى ئاۋارىچىلىققا يولۇققانىدى، ئۇنىڭ دوستى چۈيۈەن بۈگۈن ئاخشام بىر ئىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغانىدى، لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنىۋېتىپ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاننىدا ئۆلۈپ قالدى. سەنلاڭنىڭ ئاچىسى بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلسا ساقچىلارنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىشتىن، قورقۇپ ئىنىسىنى چاقىرتىپ چۈيۈەننى ئۆزنىڭ داچىسىدىكى ۋانىغا ئاپىرىپ قويۇپ كىشىلەرگە شۇ يەردە ئۆلگەندەك قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى.
ئۇلار چۈيۈەننىڭ ئۆيىگە بارغاندا سائەت تۆت يېرىم ئەتراپىدا بولۇپ، ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى، ئۆي ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىكى يالغۇز يېگانە ئۆي ئىدى، شۇڭا ئۇلار ماشىنىنى ماشىنا قويۇش ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويۇپ، جەسەتنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگىچە ھېچكىم كۆرمىدى. ئۇلار جەسەتنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئادەتتە كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى كۈتۈپخانىدىكى شىرەنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، ئۇلارچە بولغاندا، ئۇنى باشقىلار كۆرسە كىتاب كۆرۈۋېتىپ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، دەپ قالاتتى.
«ئۇ ئۈلۈشكۈن ئەتىگەندە ئۆلگەن، شۇڭا ئۆيدىكى چىراقنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك». ئاچىسى تەپسىلاتلىرىنى ئويلاپ يەتكەنىدى.
«گاز ئوچاقنى قانداق قىلىمىز؟ ئوت يېقىپ قويامدۇق؟» سەنلاڭ ئۆيدىكى گاز ئوچاقنى كۆرۈپ ئاچىسىدىن سورىدى.
«توغرا ئۇ سوغۇقتىن قورقاتتى، بۇ يەردە پارمۇ يوق ئىكەن، شۇڭا ئوت يېقىپ قويساق بولغۇدەك»، سەنلاڭ ئوت ياقتى.
ئىككىيلەن ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، دېرىزە پەردىسىنى ئوچۇق قويۇپ ئاندىن غىپپىدە تىكىۋەتتى. ئۇلار ئىشنى ناھايىتى پۇختا قىلىدى، ھېچقانداق بارماق ئىزىمۇ قالدۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن جەسەتنى يۆتكەپ كەلگەنگە ئائىت ھېچقانداق ئىسپاتمۇ قالمىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا چۈيۈەننىڭ جەسىتى داچىغا قارايدىغان كىشى تەرىپىدىن بايقالدى، ئۇ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى، قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ «يۈرەك كېسىلى بىلەن تەبىئىي ئۆلگەن» دېدى.
نەق مەيداننى تەكشۈرۈۋاتقان ساقچى باشلىقى «قاچان ئۆلۈپتۇ؟» دەپ سورىدى.
«تەپسىلىي ئەھۋالنى جەسەتنى ئوپراتسىيە قىلسا بىلگىلى بولىدۇ، لېكىن تەخمىنەن تېخى ئىككى كۈن بولىمىغان» دېدى قانۇن دوختۇرى.
ساقچى باشلىقى گاز ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ «ئۇنداق بولسا ئۆلگۈچى يۈرەك كېسىلى بىلەن تەبىئىي ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆيىدە ئۆلمىگەن، باشقا جايدا ئۆلگەن، بۇ ئېھتىمال بىرەرسىگە ئاۋارچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولسا، ئۇلار جەسەتنى بۇ يەرگە يۆتكەپ، يالغاندىن ئۆز ئۆيىدە ئۆلگەن قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان، ئۇنداق بولمىسا جەسەتنىڭ ئوت قالىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى. ساقچى باشلىغى دەرھال ئىشنىڭ تېگىگە يەتتى.
ساقچى باشلىقى نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيدۇ؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (38) نىڭ جاۋابى:
جىنايى ئىشلار ساقچىسىنىڭ كۆرگىنى يەرگە تاشلاقلىق تۇرغان چايداننىڭ يۇمشاق ئاغزى بولۇپ، ئۇ يامغۇر سۈيىدە ھۆل بولسا كۆپىدۇ، ئۇنىڭ ھۆل بولمىغان ۋاقتىدىكى چوڭلۇقى تاپانچىنىڭ تەپكىسىگە پاتىدۇ، ھۆل بۇلۇپ كەتكەندە بولسا تاپانچىنىڭ تەپكىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، رەسىمنىڭ خوتۇنى مودېلنىڭ ھەر كۈنى ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا تاپانچىنى نىشانغا توغرىلاپ مۇقىملاشتۇرۇپ قويغان، شۇڭا مودىلىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.