بەزى بالىلار ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ، ئاتا - ئانىلار بۇنى بالىدا كالتسىي كەملەپ كەتكەنلىكتىن بولغان، دەپ پەرەز قىلىپ، كالتسىي تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ، بىراق ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ كۆپ تەرلىشىنىڭ سىنىكنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار تەرلىگەندە، بەدەندىكى ئېلېمېنتلار تەر ئارقىلىق چىقىپ كېتىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا كالتسىىي تولۇقلاش بىلەن بىللە، سىنىك تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن تەركىبىدە سىنىك مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەر، يەنى قارا گۆش، ھايۋان بېغىرى قاتارلىقلارنى كۆپ يېگۈزۈشى لازىم.