تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
25 مىليون توننا ئەخلەت شىمالىي ئامېرىكىغا قاراپ ...

 ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى سۈپۈرۈپ ماڭغان 25 مىليون توننا ئەخلەت دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ شىمالىي ئامېرىكىغا قاراپ كېتىۋېتىپتۇ، بۇ نەرسىلەر ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2014-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە دېڭىز ساھىلىگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئارىسىدا بىنالارنىڭ قالدۇقلىرى، پارچىلانغان پاراخوتلارنىڭ ئەسكىلىكلىرى بار، ۋاقتى كەلگەندە بۇ نەرسىلەر ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدىن تارتىپ مېكسىكىغىچە بولغان 7000 كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقىنى قاپلايدۇ.

 

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ساھىلىغا يەتكەن بۇ ئەخلەتلەرنىڭ كالىفورنىيە بىلەن ئالياسكىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدىغىنى ئېنىق. ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئەخلەتلەر يەنە تىنچ ئوكياننىڭ ئېقىنىغا ئەگىشىپ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەخلەت ئارىلىنى بەرپا قىلىشىمۇ مۇمكىن. تەتقىقاتچى خافنا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ بىر پاراخوتى ھونولۇلۇدىن قايتىپ كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە دېڭىز تاشقىنى سۈپۈرۈپ ماڭغان ئەخلەتلەرنى كۆرگەن. بىزدە قورقۇنچ پەيدا قىلىش خىيالى ئەسلا يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تامامەن ياخشى ئىش دەپمۇ ئېيتالمايمىز».

ئەسلى مەنبەسى: ئىز تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز