لۆڭگە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە، لېكىن لۆڭگىنى يۇيۇپ ئىشلەتمىسىڭىز، پۈتۈن ئائىلىدىكىلىرىڭىزنى زەھەرلەيسىز!
لۆڭگىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىسىڭىز، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز
ئەرلەر ئاز بولغاندىمۇ يۇيۇنۇش لۆڭگىسى، يۈز يۇيۇش لۆڭگىسى، پۇت يۇيۇش لۆڭگىسىدىن ئىبارەت ئۈچ لۆڭگە تەييارلىشى كېرەك. ئاياللار ئاز بولغاندىمۇ يۇيۇنۇش لۆڭگىسى، يۈز يۇيۇش لۆڭگىسى، پۇت يۇيۇش لۆڭگىسى، ئەۋرەت يولىنى تازىلاش لۆڭگىسىدىن ئىبارەت تۆت لۆڭگە تەييارلىشى كېرەك.
نۇرغۇن لۆڭگىلەرگە رەڭ بېرىلگەن، شۇڭا بىرىنچى قېتىم يۇيغاندا رەڭ ئۆڭىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال.لېكىن ئىككى-ئۈچ قېتىم يۇيغاندا يەنىلا رەڭگى ئۆڭسە بۇ چوقۇم قايتىدىن پىششىقلانغان ياكى سۈپەتسىز ماتېرىيالدا ئىشلەنگەن مەھسۇلات.ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاروماتىك ئامىن بار، بۇنداق لۆڭگىنى كۆپ ئىشلەتكەندە، ئاروماتىك ئامىن تېرىگە سىڭىپ كىرىپ، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق لۆڭگىدە يۈز يۇيغاندا تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
لۆڭگىنى پۈتۈنلەي دېزىنفېكسىيەلەش ئۈچۈن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ بىر نەچچە مىنۇت قىزىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ، چوقۇم ئۈچ ئايدا بىر لۆڭگە ئىشلىتىش كېرەك. لۆڭگىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، قاتتىقلىشىپ، غەيرىي پۇراق پەيدا بولىدۇ. بەزىلەر بۇنداق ۋاقىتتا لۆڭگىنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋەتسىلا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمىلىيەتتە لۆڭگىنى بۇنداق يۇيساق تېخىمۇ سېسىق پۇراپ قالىدۇ.
1. لۆڭگىنىڭ سارغىيىپ قېلىشى ۋە پۇراپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى
(1) لۆڭگە بىلەن تەر، مايلىق تېرىنى سۈرتكەندىن كېيىن، ۋاقتىدا يۇيمىسىڭىز، لۆڭگىدە ماي ۋە كىرلەر يىغىلىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق پەيدا بولۇپ، سارغىيىپ سېسىق پۇراق چىقىدۇ.
(2) لۆڭگىنى ھۆل پېتى قويۇپ قويسىڭىز، لۆڭگە پاختىلىشىپ سېسىق پۇراق چىقىدۇ.
2. لۆڭگە نېمە ئۈچۈن قاتتىقلىشىۋالىدۇ؟
(1) لۆڭگىنى ئىشلىتىۋەرگەنسېرى، پېيى تۆكۈلۈپ قاتتىقلىشىۋالىدۇ.
(2) لۆڭگىنى پاكىز يۇيمىسىڭىز، كىرلەر لۆڭگە تالالىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ.
(3) لۆڭگىنى يۇيغاندا كىرىشىۋالىدۇ، سىلكىۋېتىپ يايمىسىڭىز قۇرغاندا قاتتىقلىشىۋالىدۇ.
(4) سۇدىكى ئەركىن ھالەتتىكى ماگنىي ۋە ئاقسىل ئىئونى سوپۇن بىلەن بىرىكىپ، لۆڭگىگە چاپلىشىۋېلىپ، قاتتىقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
3. يۈز يۇيدىغان لۆڭگىنى ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك
يۈز يۇيىدىغان لۆڭگىدە مىكروب ئىنتايىن كۆپ شۇڭا ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيۇپ، مىكروبلارنى تازىلاش كېرەك.
لۆڭگىنى قانداق تازىلاش كېرەك:
1. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تازىلاش كېرەك.
قايناقسۇغا 10 مىنۇت چىلاپ، تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ياكى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ بەش مىنۇت قىزىتسىڭىزمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز.
2. تۇز ياكى ئىشقارلىق سۇيۇقلۇقتا يۇيۇش
3. ئاچچىقسۇ ياكى سودا سۈيىدە يۇيۇش
لۆڭگە ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. لۆڭگىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، پاختىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم قۇرۇتۇۋېتىش كېرەك.
2. مۇنچىدا دېرىزە بولسا چوقۇم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، لۆڭگىنىڭ نەم ھاۋادا پاختىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
لۆڭگىنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.
بەزىلەر لۆڭگە سارغىيىپ كەتكەندە ئاندىن ئالماشتۇرىدۇ، ئادەتتە چوقۇم ئىككى-ئۈچ لۆڭگىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم لۆڭگە ئالماشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قايناقسۇغا بېسىپ يۇيۇش كېرەك.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى لۆڭگە دېگەن يۈز ئېتىدىغان نەرسە، دەسمالدەك بولۇپ قېلىشىنى ساقلاپ تۇرماي، چوقۇم پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.