تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ناشتا قىلمايدىغانلار بۇنى كۆرسىڭىز ناشتا قىلىدىغان بولىسىز

 

تەتقىقاتچىلار 12 مىڭ كىشىنىڭ ناشتا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقارغان: ناشتا قىلمايدىغانلاردا قاننىڭ يېپىشقاقلىق، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى سەھەردە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋاھالەنكى ناشتا قىلمىغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. شۇڭا، ناشتا قىلمايدىغانلار ئاسانلا يۈرەك ۋە سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن. كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان ئاغرىقنىڭ ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادىتى بار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزاقراق بولۇپ يەنى ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە بولۇپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خۇلېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىگە تىنىپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇ ئۆتتە تاش بولۇپ شەكىللىنىدىكەن.

بەدىنى سېمىزرەك ئوتتۇرا ياش ئاياللار دائىم ناشتا قىلمىسا، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار نەپەر 25 ياشتىن 37 ياشقىچە بولغان 2681 كىشىنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ناشتا قىلمايدىغانلاردا ھەر كۈنى ناشتا قىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى يۈز بېرىش نىسبىتى 50%يۇقىرى بولغان.

ئېنسۇلىننىڭ قارشىلىقى قەنت كېسىلىنىڭ ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامىتىدۇر. ناشتا قىلمايدىغانلار ئاسانلا ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولىدىكەن. ناشتا قىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى يەنىلا نورمال ئاجرىتىلىدۇ، ئاشقازان قۇرۇق بولغاچقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتا قىلمىغاندا قورساق دائىم ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، چۈشلۈك تاماقنى كۆپرەك يەۋىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى كېرىلىپ كېتىپ، ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىش ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز