ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى، يەنى تۇخۇم سېرىقى، سېرىق پۇرچاق، ھەسەل قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ياڭاق مېغىزى، قارا كۈنجۈتنى تالقان قىلىپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ كومىلاچ ياساپ ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گىرامدىن يەپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسى قېچىش، كۆپ چۈش كۆرۈشكە ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئاڭلاش ئىقتىدارنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: خام گازىر ۋە باشقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
دېۋەڭلىك، خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى بىلەن سېرىق پۇرچاقنى بىرگە يەپ بېرىش، ۋىتامىن B12ماددىسى مول بولغان جىگەر، سۈت، قېتىق ۋە دۇفۇ قاتارلىقلارنى يەپ بېرىشى كېرەك.
قاننىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بېلىق، كۈنجۈت، گازىر مېغىزى، پېچەكگۈل، پالەك، پۇرچاق، ئالما، ئاپلېسىن، پىياز، سامساق، بۆلجۈرگەن،شوخلا،قىزىل ئۈزۈم، سەۋزە،دولانە،لامنارىيە،ياڭاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى لازىم.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/06/content_496368.htm