كورىيە «چاۋشيەن گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، كورىيە ئىستاتىستىكا نازارىتى كورىيەلىكلەرنىڭ « 2014-يىللىق ھاياتلىق ستاتىستىكا جەدۋىلى» ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى تەكشۈرۈشىدىكى ۋىتامىن D نىڭ سېلىشتۇرمىسىدا بىر تۈرلۈك قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتنى بايقىغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، گەرچە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 79 ياش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار(85.5 ياش) بىر قەدەر ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ ھاياتىدا كېسەل بولغان ۋاقىت يىغىندىسى تەخمىنەن 14.1 يىل، ئاياللار 19.6 يىل بولغان. شۇڭا كېسەل بولغان ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئۆمۈرى پەقەت ئەرلەرنىڭكىدىن بىر يىل كۆپ بولىدىكەن.
ئانالىزدا قارىلىشچە، 2014 - يىلى ۋىتامىن D كەملىك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 31 مىڭ 200 نەپەرگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 70 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ نىسبىتى% 74.4 نى ئىگىلىگەن، دېمەك، ۋىتامىن D كەملىك بىمارلىرىنىڭ ھەر 4 نەپەر ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئايال ئىكەن. ئاياللارنىڭ كېسەلگە گېرىپتار بولۇش ۋاقتى ۋىتامىن D نىڭ كەم بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك سۆڭەكنىڭ غەيرىي نورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، راخىت كېسىلىنىڭ ھاياتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ، لېكىن قوزغىلىشى ئاستا بولغانلىقتىن ئاسان سەل قارىلىدۇ، روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئورگانىزمنىڭ قـارشـىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسان ئۆپكە ياللۇغى، ئىچ سۈرمەك، قان ئازلىق قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ۋىتامىن D راك كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بار، ياشانغانلار چوقۇم ۋىتامىن D تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاياللار. لېكىن سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنى يېتەرلىك كۈن نۇرى قوبۇل قىلسىلا، تېنىدە يېتەرلىك ۋىتامىن D شەكىللىنىدۇ؛ يېمەكلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە تەبىئىي يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/16/content_498188.htm