تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
رېئاللىقتىكى جاھان ئەينىكى

رېئاللىقتىكى جاھان ئەينىكى

گۈلرۇخ يالقۇن (ئۆز مۇخبىرىمىز)

ساياھەت، بىز ئۇنى قانداق چۈشەنسەك، ئۇ بىزگە شۇنى ھېس قىلدۇرىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ساياھەت بىر قېتىملىق تەلتۆكۈس ئارام ئېلىش بولسا، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن «جاھان» كۆرۈش، تەپەككۇرىغا «ئېنېرگىيە» توپلاش بولىدۇ، قىسقىسى ساياھەت ساياھەتچىنىڭ نىشانى، مۇددىئاسى، پىلانى، ۋە مەلۇم ئارزۇ - ئارمانى بىلەن ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى تاپالايدۇ.

چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش يوللىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، مەيلى ياشلار ياكى ياشانغانلار بولسۇن باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قارىغاندا ساياھەتكە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ «جاھان» سەپىرىنى باشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت قىلىشنىڭ بىر ئىلىم ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى ساياھەت قىلىشتىكى مۇلازىمەت ۋاسىتىسىنى تاللاشنىڭ پۈتكۈل ساياھەتنىڭ «جېنى» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

ھەربىر قېتىملىق ساياھەتنىڭ سۈپىتى، ئەھمىيىتى ھەم ئۈنۈمىنى يارىتىش، ساياھەتچىلەرگە يۇقىرى ئۆلچەم، كەسپىي ئەخلاق بويىچە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، يۇقىرى ساپالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇتۇق مىزانى.

ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرى «شامالباغ» يولىدىكى «جىلى» سودا بىناسىنىڭ 3- قەۋىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئېچىلىشى، تەرەققىياتى بىلەن تەڭ يېتىلگەن، تەڭ «كۈرەش» قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئارىسىدىكى بىردىنبىر چەت ئەلگە ئۆمەك تەشكىللەپ ئېلىپ چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە كەسپىي ساياھەت شىركىتى، شىركەت قۇرۇلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنى جاللاندۇرۇش، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئەڭ يارقىن تەرەپلىرىنى تونۇتۇش، ئۇلارنى ياخشى كۈتۈش، دۇنيا مەدەنىيىتىنى خەلقىگە تونۇتۇش يولىدا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى، بۇ ساياھەت شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تارتىپ ساياھەت يېتەكچىلىرىگىچە سەمىمىيلىك ۋە بېغىشلاش روھىنى ئۆزىگە مىزان قىلغان. ئۇلار تەجرىبىلىك، بىلىملىك، ساپالىق، ئالىيجاناب، كۆپ تىلغا پۇختا بولۇشنى ئۆلچەم قىلغان بولغاچقا ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساياھەت شىركىتىگە ئايلاندى، شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتى ھازىرغىچە دۇبەي، تۈركىيە، شىمالىي ياۋروپا، غەربىي ياۋروپا، شەرقى - جەنۇبى ئاسىيادىكى ئاراللار، ياپونىيە ھەم قوشنا دۆلەتلەردىن ئۆزبېكىستانغا ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتى، ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى بېكىتكەن 100 نەچچە دۆلەتكە ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. بۇ جەرياندا يەنە كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتىكى ئوقۇش ھاياتىنى بەلگىلەش، دۇنيا قارىشىنى توغرا تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇلار يېڭىدىن ئاچقان ئىسرائىلىيە ساياھىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتماقتا. ئىسرائىلىيە، قانداق بىر دۆلەت؟ دەرۋەقە ئىسرائىلىيە تۇپرىقىغا ئاياغ بېسىپ باقمىغان كىشى ئۈچۈن ئۇ بىر تىنچسىز، قۇرغاقچىلىق، ھەربىي توقۇنۇش ۋە ئەنسىز ئىس - تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالغان، كىشىلىرى ئاھۇ - زارلىق ئىچىدە ئازابلىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئوق ئاۋازى ئادەمنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيدىغان دۆلەت بولۇشى مۇمكىن، كىشىلەر مۇشۇنداق خەتەرلىك دۆلەتكە نېمە ئۈچۈن ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلغاندۇ؟ دەپ ھەيران قېلىشىمۇ مۇمكىن. 2015- يىلى فېۋرالدا ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى جۇڭگودىكى چەت ئەلگە ئۆمەك ئەپچىقىش ھوقۇقى بار 20 نەچچە شىركەتنى ھەمكارلىققا تاللىغاندا، شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتى غەربىي شىمال بويىچە بۇ ھەمكارلىققا بىردىنبىر بولۇپ تاللانغان. بۇ جەرياندا شىركەت باش لىدىرى پەرىدە مەمەت خانىم سەپداشلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەدە ساياھەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل، تىنچ، ئاسايىشلىق، يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن مۇقەددەس زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بۇ زېمىنغا «مېھىر» باغلىغان، ئىسرائىلىيەنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ھەمدە بۇ ساياھەتنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، ئۇ يەردىكى «غايىۋى» تەسىراتلىرىنى خەلقىگە قىسىنغان، ئىسرائىلىيەدەك خاسىيەتلىك زېمىننى خەلقىگە تونۇتۇش، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، ساياھەتچىلەرنى ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت، تارىخنىڭ ئىزنالىرىدىن بەھرىمەن قىلىش مەقسىتىدە «ئىسرائىلىيە» سەپىرىگە يول ئاچقان.

شىركەتنىڭ ئىسرائىلىيە ساياھەت لىنىيەسى بۇ يىل ماي ئېيىدىن باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيە مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن.

ئىسرائىلىيە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، يەھۇدىي دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى    ئىسرائىلىيەنىڭ «مەڭگۈلۈك پايتەختى» يېرۇساليم، ئەمما ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تېل ئاۋىۋغا جايلاشقان. ئىسرائىلىيە ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان، ئىسرائىلىيە ئاھالىسى 2014- يىلى 8 مىليون 100 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، يەھۇدىيلار تەخمىنەن %76 نى ئىگىلەيدىكەن.

دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى يېرۇسالېم دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي شەھەر، ئىبرايلار «يېرۇسالېم» دەيدۇ مەنىسى «تىنچلىق شەھىرى»، ئەرەبلەر «قۇددۇس» دەپ ئاتايدۇ، مەنىسى «مۇقەددەس» شەھەر، ئاھالىسى يەھۇدىيلار ۋە ئەرەبلەردىن ئىبارەت.

شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ «ئىسرائىلىيەنى بايقاش» سەككىز كۈنلۈك ساياھىتى ھاياتىي كۈچ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، مەدەنىيەت - سەنئەت تۈسى قويۇق، ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ زامانىۋى شەھەر شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدىن باشلىنىدۇ، بۇ يەردىكى تارىخ ئىزنالىرىدىن «ئەھلىسەلىپ» قەلئەسى، تاۋاپكار، ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىشى زۆرۈر بولغان تارىختا رىم بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىدا «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينىغان «كەسارىيا» پورتى، ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن «گالىلىي» دېڭىزى، قۇددۇس شەرپكە جايلاشقان دۇنياغا داڭلىق ئىسلام دىنىدا مەككە - مەدىنەدىن قالسا 3- ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ھەج يۆنىلىشى بولغان «ئەلئاقسا» مەسچىتى، يەھۇدىي دىنىنىڭ خارابىلىرىدىن بولغان، يەھۇدىي دىنىي  مۇخلىسلىرى يىغا - زار ۋە دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان «ئەلبەقەر» تېمى، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيلىك ئورۇنغا ئىگە «گۇلان» ئېگىزلىكى، ئوسمانلار ۋاقتىدا سېلىنغان تۈركىيە ئۇسلۇبىدىكى «ئەخمەت جازار» مەسچىتى، باخائىزم دىنىي دۇنيا مەركىزى، لەيلەشكە بولىدىغان ئۆلۈك دېڭىز سەيلىسى، ساياھەتچىلەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، سىرلىق تۈس ئالغان يېرۇسالېم، تاغلىق شەھەر خايفا، قەدىمىي شەھەر يافا، تېبىرىيز قاتارلىق جايلىرى كىشىگە رىۋايەتلەردىكى مەنزىرىلەرنى ئەسلەتسە، ھازىرقى دەۋرگە ماس زامانىۋى رىتىم ھۇزۇرىنى بېرىدۇ. ئەيسا ئەلەيھىسالام تۇغۇلغان شەھەر بېتلخىم، ئېبرون قاتارلىق پەلەستىن رايونىغا تەۋە شەھەرلەر زىيارىتىمۇ كىشىگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. تاغلىق رايون ھاۋا كىلىماتى، تاشتا قوپۇرۇلغان چېركوۋ - ئىبادەتخانىلار، كەنتلەردىكى خەلق كوممۇناسىغا ئائىت كوللېكتىپ تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئىناق ھەم قىزغىنلىقى زېمىنىگە قەدەم تاشلىغان ھەربىر ساياھەتچىنىڭ يېقىملىق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيەگە بولغان ھۆرمىتىنى قوزغىتىدۇ.

قاراماي شەھىرىدىن پېنسىيەگە چىققان مائارىپچى ئامانۇللا مۇھەممەت بۇلتۇر شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئايلىنىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا تۈركىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن، مۇلازىمەت ۋە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش ھەم مۇئامىلىسىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغان، ئامانۇللا ئاكا بۇ يىللىق ساياھىتىنى يەنە ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن، رازى بولغان مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتىگە تاپشۇرغان، ئۇ بۇ قېتىم قايسى دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىشنى ئويلىشىپ تۇرغاندا، شىركەتنىڭ ئىسرائىلىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى ئىلگىرى گېزىت - ژۇرناللاردىن ئاز - تولا خەۋەرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇ «تىلسىم دۇنيا» نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلمەكچى بولغانيۇ، قانداقراق بولار؟ دېگەن تەۋەككۈل ئارىلاش قىزىقىش ئىستىكىدە ساياھەتنى باشلىۋەتكەن.

- ئىسرائىلىيەگە بارغىنىمدىن پۇشايمان قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، -ئەجەپ ئاقىلانە قارار چىقىرىپتىمەن، نېسىپ بولسا يەنە كېلىمەن - دەپ سۆيۈنۈپ كەتتىم، - دېدى ئۇ دەسلەپ سۆزىدە. ئامانۇللا ئاكا ئىسرائىلىيەگە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەگە بېرىپ ئۇ يەردىكى پەيغەمبەرلىرىمىز پائالىيەت قىلغان ئورۇنلارنى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى، گۈزەل، زامانىۋى شەھەرلەرنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇق، دېڭىز، قۇملۇقلىرىنى كېزىپ ئۆتتۇق، تېگى تۇز خاسىيەتلىك ئۆلۈك دېڭىزدا لەيلىدۇق، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمان - سارايلىرىدا قوندۇق، تاغلىق رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىلىماتىنى ياقتۇردۇق، ئىلغار تېخنىكىلىرىنى كۆردۇق، قەدىمىي شەھەرلىرىدىن تاشنى ئاساس قىلىدىغان قۇرۇلۇش - مىمارچىلىقتىن ھۇزۇر ئالدۇق، يەھۇدىيلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئۇلارنى چۈشەندۇق، شەھەرلىرى يېقىن - يېقىن بولغاچقا يولنىڭ ۋاقتى تېجىلىپ كۆپ ئايلىنىۋالدۇق، ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەردىكى نازۇ - نېمەتلەردىن قانغۇچە بەھرىلەندۇق، چۈنكى ساياھەتكە چىققاندا تاماق غېمى بەك مۇھىم بولىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاماق مەدەنىيىتى بىزگە بەك ماس كېلىدىكەن، يەھۇدىيلارمۇ بىزگە ئوخشاش پەقەتلا قوي، كالا، توخۇ گۆشىنى ئاساس قىلىدىكەن، ھەتتا بېلىق تۈرلىرىنىمۇ ئىھتىيات بىلەن تاللاپ يەيدىكەن. مال - چارۋىلارنى مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالغان كىشىلەر سويىدىكەن، تاماق مەسىلىسىدىن %100 خاتىرجەم بولۇشقا بولىدىكەن. مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۆز ئالدىغا ئەركىن - ئازادە ئىبادەت قىلىدىكەن، ھېچكىمنىڭ ئىشىغا ھېچكىم كاشىلا قىلمايدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ ھېس - تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۆزۈمگە ئەڭ ياخشى ساياھەت يول باشچىسى تاللىغىنىمدىن بولدى». شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەسقەر قۇربان ئىسرائىلىيە ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىش ھەمدە شىركەتنىڭ كەسپىي مىزانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت، تارىخ، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىشىغا باب كېلىدۇ، مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىپ، تەبىئىي مەنزىرلىك جايلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ، ئۆزى ئويلىغاندىن خېلىلا ياخشى ئۈنۈملەرگە، خۇشاللىقلارغا ئېرىشىدۇ، ھازىر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ساياھەتچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى، كۆپنى كۆرۈشكە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ساياھەت پەقەتلا تۈركىيە، دۇبەي، ئامېرىكا، ياۋروپاغا بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى چۈشىنىشكە، كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى - يېڭى لىنىيەلەر ئېچىلسا ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا، كۆرۈشىگە، ئۆگىنىشىگە پۇرسەت ئېچىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ساياھىتى يېڭى لىنىيە ئېچىشتىكى ئەڭ ياخشى باشلىنىش».

خاسلىققا ئىگە، سەرخىل ساياھەت مەزمۇنلىرىنى قىزىشقا ماھىر بولغان، ئىشەنچلىك مۇلازىمەت ۋە بېغىشلاش روھىنى ئۆزىگە مىزان قىلىپ، سەمىمىي راستچىل ساياھەت كارخانىسى قۇرۇش پەقەتلا كەسىپنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، كەسىپنى سۆيۈش بىلەن تەڭ ھەربىر مۇلازىمەت ئوبيېكتىغا مەسئۇل بولىدىغانلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت شىركىتى ئەڭ يېڭى ئۇسۇلدا دۇنيانىڭ ئاجايىپ ھاسىلاتلىرىدىن تەلىم ئالماقچى، ھۇزۇر ئالماقچى بولغان، ئۆزىنىڭ «كىچىك دۇنياسى» دىن چىقىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بولغان ھەربىر ساياھەتچىنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشى بولالايدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىللە ساياھەت قىلىشنى خالىسىڭىز ئۇلار 0991-2303444، 0991-2303296 تېلېفونلارغا تېلېفون بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز