ئالما سامسۇڭنى قايتا ئەرز قىلىدۇ
21-ئەسىر پەن-تېخنىكىسىنىڭ 31-مارت خەۋىرى: ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما يانفونىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئوغرىلىغانلىقتىن، ئالما شىركىتى بۇ ھەپتىدە سامسۇڭنى يەنە بىر قېتىم پاتېنت ئەرز قىلىدىكەن ھەمدە 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تۆلەپ بېرىشنى پىلانلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتى ئارىسىدىكى پاتېنت ئەرزى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى سان خوسې سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ھۆكۈم چىقىرىپ، سامسۇڭنىڭ ئالما شىركىتىگە 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشىنى ئېيتقان.
ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئەرزى كۆپ خىل ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون پاتېنت تېخنىكىسىغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سوتقا چىقىپ گۇۋاھچى بولىدىكەن.گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار ئالما شىركىتىنىڭ ماركېتىڭ نازارەتچىسى فىل شىلېر (Phil Schiller) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەتتا گۇگولنىڭ ئاندىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىنژېنېرىمۇ بار ئىكەن.
گەرچە گۇگول ئەيىبلەنگۈچى بولمىسىمۇ، بىراق سامسۇڭ گۇگولنى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق ئالما شىركىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يوقىتىشنى ئۈمىد قىلغان.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئاندىروئىد قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى خىروشى لاكخېيمېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇگولنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سودىيەگە ئۆزلىرىنىڭ ئالما يانفونىدىن قانداق مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
ئالدىنقى يىلى ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭنىڭ پاتېنت دېلوسىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمىدە، سوت مەھكىمىسى تۆلەمنى كېمەيتىپ 929 مىليون ئامېىركا دوللىرىغا چۈشۈرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا ئالما شىركىتى ئېنىق قىلىپ، سامسۇڭغا بولغان جازانى كۈچەيتىشنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قوغداشتىكى ھالقىلىق نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان