مارۇژنى تۈرلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تەمىمۇ ھەرخىللىشىپ ، كىشلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا نائىل بولماقتا . ئەمما مارۇژنى تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسى ناھايتى ساپ ، مارۇژنى سوغۇقلۇق بولغاچقا ، ناۋادا ھەر كۈنى يېسە ، بەدەننى غىدىقلاپ ، ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئادەتتە ، مارۇژنىنى سېمىز بالىلار كۆپ يېگەنسېرى سەمىرىپ كېتىدۇ . ئۇرۇق بالىلار يېگەنسېرى ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى—سېمىز بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ، مارۇژنى تەركىبىدىكى ياغ ۋە شېكەرنى ناھايتى تېزلا قوبۇل قىلىۋالىدۇ – دە ، سەمىرىپ كېتىدۇ . ئۇرۇق بالىلارنىڭ بولسا بەدىنى ئاجىز ھەم تاماق تاللايدۇ . مارۇژنىنى كۆپ يېگەندە تاماق تاللاشتەك بۇ يامان ئادەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئەتىگەندە ، تاماقتىن كېيىن ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق مارۇژنى يېمەسلىك ، تېنى ئاجىز ، ئاشقازان ۋە ئۈچىيى ياخشى ئەمەسلەر ، دىئابىت ، سېمىزلىك ، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ۋە سۈت رېئاكسىيە قىلىدىغانلارمۇ مارۇژنى يېمەسلىكى لازىم ئىكەن .