شېئىر شۇ قەدەر زىل قۇرۇلمىكى، ئۇنىڭدا قايسى سۆزنى قانداق ئىشلىتىشتىن باشقا، قايسى سۆزنى قايسى مىسرانىڭ نەرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ مۇھىم. بۇ شېئىردىكى ھېسسىيات ۋە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شېئىردا قايسى سۆزنى قانداق ئىشلىتىش سۆز تاللاش جەھەتتىكى ماھارەتنى تەلەپ قىلسا، قايسى سۆزنى قەيەردە ئىشلىتىش ياكى مىسراغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەزمۇننى مەلۇم شەكىلدە ئىپادىلەش مەسىلىسىدۇر.
كىلاسسىك شېئىرلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، مىسراغا ئايرىش ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، ئۇ بىر قەدەر مۇقىملاشقان ۋەزىن ۋە مىسرا رامكىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇنداق ئۇزاق زامان ئىشلىتىپ مۇقىملاشقان، كۆنۈككەن رامكا تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان.
مىسرامۇ خۇددى ۋەزىن، تۇراق، قاپىيەلەرگە ئوخشاش رىتىمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شېئىر شەكلىنى روياپقا چىقىرىدىغان ئامىل. ئۇ شېئىردىكى ئارىلىقلاردا رىتىمنىڭ سۈرئىتىنى تىزگىنلەيدۇ ۋە شېئىرنى رىتىمدارلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇ گومورو ئېيتقان ‹‹ئىچكى رىتىم›› بىلەن تىل ئامىللىرىدىكى ئاھاڭدارلىقتىن بارلىققا كەلگەن تاشقى رىتىمنىڭ بىرىكىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز تۆۋەندىكى شېئىرلارنى تەھلىل قىلىپ ئۆتەيلى:
ئونۇتماغىل كى، تا ھەجر ئەتتى بىداد،
مېنى بىر نامە بىرلە قىلمەدىڭ ياد.
نەۋايىنىڭ ‹‹مىزانۇل ئەۋزان›› ناملىق شېئىرىدىكى يۇقىرىقى بىر بېيىت شېئىرغا قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدا مىسراغا ئايرىش ۋەزىن ئېتىبارى، يەنى ھەزەج بەھرىنىڭ مەقسۇر ۋەزنىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قۇرنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى، بوغۇملارنىڭ سانى جەھەتتە مەلۇم چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا، ژانىر چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، غەزەلنىڭ ئىككىلىك شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئۆزىگە خاس رامكىنى ھاسىل قىلغان. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلاردىمۇ مۇقەررەر شۇنداق بولۇپ، مىسرانىڭ بوغۇملارنىڭ سانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرغا ئايرىش قائىدىسى بىر قەدەر ئەركىن بولۇپ، ئەنئەنىۋى شېئىرلاردەك مەلۇم رامكىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالمىغان، ناھايىتى جانلىق، ھېسسىياتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇر ئادەمگە ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىچىدىكى ئۆزگىرىشچان ئىچكى رىتىم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. مەسىلەن، ئادىل تۇنىيازنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئالما دەرىخى يىتىپ كېتىپتۇ،
تېلېفوندا دەپ بەردى ئېھسان
چۈمۈلە پۇراقلىق بىر ئەتىگەن
ئانىسى بىلەن باغقا كېتىپتۇ.
قارىسا مەن ئالما ئۈزۈپ بەرگەن
بىر تۈپ ئالما يىتىپ كېتىپتۇ.
ئالما دەرىخى يىتىپ كېتىپتۇ،
ئاللا ئالمىدەك ئاتقاندا مېنى
ياقا يۇرتقا.
ئۇشتۇمتۇتلا
تېپىۋالدى ئوغلۇم ئالمىنى
تىل دەرىخىدىن چۈشتۈم شېئىرغا.
بۇ شېئىردا قاپىيەدىن باشقا رىتىمنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئامىللار خېلى كۆپ. مەسىلەن، ‹‹بىر تۈپ ئالما يىتىپ كېتىپتۇ›› بىلەن ئاخىرقى قۇردىكى ‹‹ئالما دەرىخى يىتىپ كېتىپتۇ›› دېگەن پاراللېل قويۇلغان ئىككى قۇر بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ۋە ئۇنى ئوقۇشقا كەتكەن تەڭ ۋاقىت سەۋەبىدىن رىتىمدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رىتىم شېئىردىكى مەنىنى تەكىتلەش ئىچكى رىتىم بولغان كەيپىيات ۋە ھېسسىياتقىمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسىتىپ، ھېسسىياتنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يۇقىرىقى شېئىرغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا باشقا قۇردىكى سۆزنىڭ ھەممىسى ئاز بولغاندىمۇ تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كىشىگە بىر خىللىق تۇيغۇ بەرسە، ‹‹ياقا يۇرتقا›› دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن قۇر بىزگە ئۆزگىچە بىر يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بىز شۇ قۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپىگە ئاساسەن بىردەم توختاشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇنداق توختاش بۇ يەردىكى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەش، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تۇيغۇمىزدا ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹ئۇشتۇمتۇتلا›› دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىنى روياپقا چىقىرىپ، بۇ ئىككى مىسرا ئارىلىقىدىكى رىتىمدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم ‹‹ئۇشتۇمتۇتلا›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تەسەۋۋۇرىمىزدا بىر خىل ئۇشتۇمتۇتلۇق تەسىراتى بەرسە، ئۇنىڭدىكى سۆزنىڭ باشقا مىسرالاردىن ئالاھىدە ئاز بولۇشىدىن ئىبارەت يەنە بىر ئۇشتۇمتۇتلۇق بىزگە قوش ‹‹ئۇشتۇمتۇتلۇق›› تۇيغۇسى بېرىدۇ. ھەر قانداق بىر تىلدا رىتىم بار، بىراق، تىلدىكى تەبىئىي رىتىم ھەرگىزمۇ شېئىرنىڭ ئۆزىدە بار بولۇشقا تېگىشلىك رىتىمغا تەڭ ئەمەس. تىلنىڭ ئۆزىدىكى رىتىم بىلەنلا بولدى قىلىپ مىسرالارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، بىز باشتا دېگەندەك رىتىمنىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ‹‹پەۋقۇلئاددە›› ئۈنۈمى يوققا چىقىدۇ – دە، شېئىردا بولۇشقا تېگىشلىك ھېسسىياتقا، ئاخىرىدا ئۇنىڭ شېئىرىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەندە زېرىكىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دېمەك، نەسرىي ئەسەرلەر بىلەن شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ چەك – چېگراسى بولۇپ قېلىۋاتقان مىسرالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەزىلەر ئويلىغاندەك ئۈچ ياكى تۆت سۆزنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلۇشى ياكى شېئىر بولمايدىغان جۈملىلەرنىڭ پارچىلىنىپ مىسرا قىلىپ يېزىلىشى ئەمەس. بەلكى ئۇ بىلگەن كىشىگە ئىچكى – تاشقى رىتىمدارلىقنى ۋە مەنىنى ئىنچىكە ئويلاش ئاساسىدا چىقىرىلغان ئەستايىدىل ھۆكۈم.