بۇلغىماڭلار دۇنيانى ئەي ئادەملەر
تەلئەت ئاتاۋۇللا ئۆزخان
بىزنى نىئمەت بىلەن باققان بۇ دۇنيا،
يارىلىشتا بوۋاقتەك پاك يارالدى.
ئەپسۇس، بۈگۈن ئادەملەرنىڭ جىسمىدىن،
پاك ئالەمگە بەدپۇي پۇراق تارالدى.
بىزنى نىئمەت بىلەن باققان بۇ دۇنيا،
تەڭ كۆرەتتى ئادەملەرنى ئەسلىدە.
لېكىن، بۈگۈن ئالدىرىشار ئادەملەر،
بىر-بىرسىنى يۇتۇۋېلىش قەستىدە.
بىزنى نىئمەت بىلەن باققان بۇ دۇنيا،
تەشنا ئىدى ئادەملەرنىڭ مېھرىگە.
بىراق، ھازىر ئەيمىنەر ئۇ قاراشتىن،
قانغا تەشنا ئادەملەرنىڭ چېھرىگە.
بىزنى نىئمەت بىلەن باققان بۇ دۇنيا، ئەسلىدىنلا موھتاج ئىدى ھۆرلۈككە.
ئەپسۇس، ئۇرۇشخۇمار ناپاك ئادەملەر،
ئايلاندۇردى شەھەرلەرنى چۆللۈككە.
كۆيۈنۈڭلار دۇنياغا ئەي ئادەملەر،
(تەقەززادۇر دۇنيا ئەسلى تىنچلىققا.)
غەزەبلىنىپ دۇنيا پارتلاپ كەتمىسۇن،
يەم بوپ كېتىپ بېلىجان چوڭ بېلىققا.
تازىلاڭلار قەلبىڭلارنى ئادەملەر،
تارقاتماڭلار ئەمدى سېسىق پۇراقنى.
مىلتىقلارنى تاشلاپ داستخان ئۈستىدە،
تۈگىتىڭلار دەۋا-دەستۇر، سوراقنى.
بۇلغىماڭلار دۇنيانى ئەي ئادەملەر،
ئۇ دەسلەپتە يارالغاندەك پاكلانسۇن.
ئاشۇرايلى ئىشقا ھۆرلۈك-تەڭلىكنى،
دۇنيا بىزدىن رازى بولۇپ شادلانسۇن.
مەنبە : « يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 3-سانى