غەزەللەر
ئابدۇغېنى سىيىت
1
ئالمىنى پىشقاندا يە، توڭ ئۈزمىگىن،
لاي سۇغا تور سالما (بېلىق سۈزمىگىن).
ئېھ، ئاتاڭ ئەجرى بىلەن باغ ئەتتى، باغ،
بەر ئاڭا پەرۋىش، سۇغارغىن، بۇزمىغىن.
ھەر قەدەمدە ئىمتىھان ئالغاي ئاۋام،
شۇ سىناقتىن ياخشى ئۆت، ئۇتقۇزمىغىن.
جۈپ پەدەر كۆڭلى گويا جانان چىنە،
ئاسرا بۇ چىنەنى، دەز كەتكۈزمىگىن.
بۇ ئۆمۈر بىلسەڭ ئامانەتتۇر ساڭا،
تۇت ئۇنى، ئەسلا بىكار ئۆتكۈزمىگىن.
ئەلنى سۆي، ئەل سۆيگۈسى ئالتۇن بۆشۈك،
بەختىگە ئەلنىڭ زىيان يەتكۈزمىگىن.
2
ئېھ، ئوغۇل تۇغدى ئاناڭ بىر تەن سېنى،
ئەتتى چوڭ ئۇ دەپ: « شېكەرىم، قەن»، سېنى.
پەرۋىشىدە ساڭا تولدى كۈچ، ئەقىل،
قوشتى ئەل سېپىگە ساق- تېمەن سېنى.
ئاتا- ئاناڭ بەختىڭ تىلەپ قىلدى دۇئا،
«بەردەم بول!» دېدى ئەل، ۋەتەن سېنى.
كۆز نۇرۇڭ ئوقياسى تەگسە پەللىگە،
شۇندا ئالقىش، ئەل دېگەي مەرگەن سېنى.
دوست يېنىدا يوق ئەمەس نائەھلىلەر،
قەستلىگەن گاھ بىتۇ يوق دۈشمەن سېنى.
بىل ئوغۇل، يولۇڭدا جىق ئۆتكەل، سىناق،
قىلغۇسى ئەجرىڭ- يولى روشەن سېنى.
بول ئىجادكار، باغرىغا ئالغاي ئاۋام،
ھەم دېگەي خۇشبۇي چىمەن، گۈلشەن سېنى.
3
نان پىشامدۇ بىر يۈزىچە سارغىيىپ؟
بىر يوپۇرماقتىن كېتەمدۇ كۆل لېيىپ؟
ئالىدۇ دېھقان ھوسۇلنى يىلدا بىر،
يىل بويى ئىشلەپ جاپالىق يەر تېرىپ.
ئېسىمدە يارى سەنەم ۋەسلى ئۈچۈن،
چەككىنى نى- نى جاپا ئاشىق غېرىب.
چىقمىسۇن ئىككى تۇخۇمنىڭ سېرىقى،
(مىڭ بولار رەقىپ تىلىدا بىر ئەيىب).
يىلتىزىڭ ئەل ئىچىدە، بولغىن ھېلەم
بولمىسا غۇلاپ چۈشەرسەن پۇت تېيىپ.
ئۆزىچە ئاغزىڭغا چۈشمەس ئۈجمە، بەس!
ئەجرىسىز بولماس بەخت ئەسلا نېسىپ.
4
مەن يۈرىمەن يار مەھەللەڭنى كېزىپ،
ئەگىشىپ تۇيغۇمغا گاھ يولدىن ئېزىپ.
دىلىمدا ھەم تىلىمدا تەۋسىپلىرىڭ،
تەۋسىپىڭ كەلمەكتە سۆز، نەزمە تىزىپ.
بەزىدە ئازماي گېپىمدىن دەپ تېخى،
كېلىمەن گاھ نەچچە ۋاراققا يېزىپ.
ئويلىنىپ قالدىم قەلەم تۇتقانچە گاھ،
سېنى دەپ سۆز كانىدىن دۇرلەر قېزىپ.
كېپىنەكنىڭ دەردىنى بىلگەيمۇ گۈل،
بېيىتىمنى چېيىڭدا ئىچسەك ئېزىپ.
جاننى ئۇپراتماي تولا، كۆرسەت ۋىسال،
بەر جاۋابىڭدىن ماڭا ئۇنچە تىزىپ.
5
سېنى ئۇچراتتىم زېمىندا ئاي، قەمەر،
دېدى تۇيغۇم: « ئۇ ماڭا سالسا نەزەر».
ئىشقا بارمايدۇ قولۇم شۇندىن بېرى،
«يەنە بىر كۆرسەم» دىبان كۆيدى جىگەر.
مەنكى ئاھ، شۇندىن بېرى ئاۋارە مەن،
مەشغۇلۇم سەن ياققىلا قىلماق سەپەر.
ئېسى- يادىم بەند مېنىڭ سەن يار ئۈچۈن،
«كەلسە گۈلدەك ئېچىلىپ» دەپ ھەر سەھەر.
قىينىما جاننى جانان، كۆرسەت ۋىسال،
ئەي گۈلى نازۇك چىمەنىم- ئۇز چىۋەر.
سېنى دېدىم، مەن بېلىمنى باغلىدىم،
تەپتى ئوت تېشىغا ئاھ، كۆيدى كەمەر.
6
ئەي نادان شۇ «قىز» ئىدى ئەگەشكىنىڭ،
چاغلىماي ئۆزەڭنى ھېچ يۆگەشكىنىڭ.
بولدى دەسمايە ئاڭا بىر چاقچىقىڭ،
«سۆيىمەن سېنى» دىبان گەپ تەشكىنىڭ.
دوستلىرىڭ توستى تالاي، مەڭسىتمىدىڭ،
بارمۇ يادىڭدا سېنىڭ تەگەشكىنىڭ.
ئالدىغان ئۇ چالىقۇشى نەچچىنى،
خۇيىنى بىلمەپمىدىڭ ئۇ ئەسكىنىڭ.
بەلكى كىرگۈزدى بۇ ئىش بۇرنىڭغا سۇ،
بىر ساۋاق سالماي ئۆتۈك سۇ كەچكىنىڭ.
بولسىدى كۆڭۈلگە ياخشى ئالتە كۈن،
سۆيگۈ لەززىتىنى سۈرۈپ ئەپلەشكىنىڭ.
خوش!... دېدى، قالدىڭغۇ كوچا ئاغزىدا،
بوپ زايە ھەشقىپىچەك يۆگەشكىنىڭ.
بولدىلا، خۇرسىنما، بولدى بولغۇلۇق،
كەلمەي ئۇ ئەيۋەشكە سەن بەل يەشكىنىڭ.
2012-يىلى 24- ئىيۇل، خوتەن