تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ياخشى ئەر

  بىر ئەپەندى تۆت كوچا ئېغىزىدا يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن، بىر تىلەمچى ماشىنا دېرىزىسىنى چېكىپتۇ:
   — ئەپەندىم، ئازراق سەدىقە بەرسىڭىز.
   ھېلىقى ئەپەندى ئۇنىڭغا بىرلا قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر تال تاماكا تەڭلەپتۇ:
   — مە، بۇنى ئال.
 
   — مەن تاماكا چەكمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولدى، — دەپتۇ تىلەمچى.
   — ئەمىسە ماشىنامدا پىۋا بار، ئازراق ئىچىپ قوي.
   — مەن ھاراق ئىچمەيمەن، ئازراق پۇل بېرىڭ.
   — مۇنداق بولسۇن: مەن سېنى ماجاڭخانىغا ئېلىپ باراي، پۇلنى مەن چىقىرىمەن، سەن قىمار ئوينايسەن، ئۇتۇۋالغان پۇل سېنىڭ بولسۇن.
 
   — مەن قىمار ئوينىمايمەن، ئازراقلا پۇل بەرسىڭىز بولدى.
   — ئەمىسە سېنى ھورداقخانىغا ئېلىپ بېرىپ تازا بىر تاماشا قىلدۇراي، پۇلى مەندىن.
   — مەن ئاياللارغا قانات سۆرىمەيمەن، ئازراق پۇل بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
   — ئۇنداقتا، ماشىنامغا چىق. مەن سېنى قىز دوستۇمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، قىمار ئوينىمايدىغان، ئاياللارغا قانات سۆرىمەيدىغان ياخشى ئەرنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.
 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز