تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(1)
ئۆمۈچۈك تورى
شەنبىننىڭ يەرئاستى مەخپىي ئۆيىدە 10ساندۇق قىممەتلىك ئاسار-ئەتىقە بۇيۇملىرى بار ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ پېچەتنى بۇزۇپ ساندۇق ئىچىگە قاراپ بېقىۋىدى، بىر ساندۇق قۇرۇق بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ساقچى باشلىقىغا ئامبارنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىدىلا تۇرىدىغانلىقى، ھەر كۈنى يېنىدىن ئايرىمايدىغانلىقى، يۈتۈپ كېتىشى بىلەن باشقىلارنىڭ چېقىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ساقچى باشلىقى نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ:-بۇ بىر بېكىنمە ئۆي بولۇپ، پەقەت بىرلا تۈڭلۈكى بار ئىكەن، ھەمدە تۈڭلۈك پولات چىۋىق بىلەن قاپلانغان، پولات چىۋىقنىڭ ئىككى تېلى يوق بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۈستى ئۆمۈچۈك تورى بىلەن قاپلانغان ئىكەن، دېدى. بۇ بىراۋنىڭ بۇيەردىن كىرىپ دېلو سادىر قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەتتى.
ساقچى باشلىقى:«بۇنى شەنبىننىڭ بىر جىيەنى بىلىدىكەن، لېكىن ئۇ قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغاچقا، شەنبىن ئۇنى بۇرۇنلا ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن، ئۆمۈچۈك تورى بۇزۇلمىغان ئەھۋالدا، ئۇمۇ بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ دېدى.«ئەگەر بۇ ئامباردا قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ جىيەنىدىن باشقا ئۈچىنچى بىر ئادەم بىلمىسە، بۇ نەرسىلەرنى چوقۇم ئۇنىڭ جىيەنى ئوغرىلىغان دېدى» خونتېر. دېلو پاش قىلىش نەتىجىسى خونتېرنىڭ ھۆكۈمىنى ئىسپاتلىدى.
دېلونى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ نېمە؟