بۈگۈن سەھەردە، ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتى iPod touch نى ئېلان قىلدى. بۇندىن بۇرۇن، كىشىلەر iPod غا ئوخشاش بۇنداق مەھسۇلات ئاللىبۇرۇن تارىخنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى دەپ قارىغان ئىدى.
iPod touch ئەمەلىيەتتە iPhone6 نىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، A8 ئۆزەك، 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىن باشقا يەنە M8 ياردەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ سەپلەنگەن.
iPhone6 غا ئوخشاش يېڭى بىر ئەۋلاد iPod touch نىڭ كۈلرەڭ، كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ قاتارلىق ئۈچ خىل رەڭلىك نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالرەڭ، قىزىل رەڭ ۋە كۆك رەڭ قاتارلىق ئۈچ خىل ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇسخىلىرى بار ئىكەن. بىردىنبىر يېڭىلانمىغان قىسىمى ئېكران بولۇپ، يەنىلا 4 دىيۇملۇق 1136×640 ئېنىقلىقتىكى Retina ئېكرانى ئىشلىتىلگەن.
باھا جەھەتتە، 16GB لىق نەشرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 1498 يۈەن، 128GB لىق نەشرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2988 يۈەن ئىكەن.
بۇ باھا دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ باھاسىغا تەڭ كېلىپ قالىدىكەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت ئىكەن. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، بىر نۇسخا تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدىغان iPhone6 نى سېتىۋالغاندىن يەنىلا ياخشىراق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن بىرنى سېتىۋالغان ياخشى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى iPod touch نىڭ باھاسى يەنىلا بىر قەدەر ئەرزان ھېسابلىنىدۇ.
مەنبەسى:لېيفېڭ تورى